مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىس ۋە ئالىملار جۇڭگونىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»غا ئالاقىدار سۆزلەرگە رەددىيە بەردى

2019.05.13 15:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئەمەلدارىنىڭ «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئامېرىكىدا كەڭ كۆلەمدە گۇمان ۋە تەنقىدكە ئۇچرىدى. ئامېرىكىلىق نۇرغۇن مۇنتەخەسىس ۋە ئالىملار رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»نى ئاساس قىلغان نۇقتىئىنەزەرلەردە يوچۇقلار ناھايىتى كۆپ، «جۇڭگو تەھدىتى»نى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى خاتا چۈشىنىش بولۇپ، بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى جەھەتتىكى ھاكاۋۇر پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ناۋادا بۇ ئىدىيەگە ئاساسەن سىياسەت تۈزۈلسە ۋە يولغا قويۇلسا، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگە پەيدا قىلىدۇ.

  ئاقىللار ئامبىرى برۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئالىي تەتقىقاتچىسى ئوۋخەنلۇڭ مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»رامكىسى ئارقىلىق ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە تەبىر بېرىش ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىكى«كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەكەببۇرلۇق ۋە دۈشمەنلىك»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئامېرىكا بۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.

  برۇكىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دارېل ۋېست مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو داۋاملىق سۆزلىشىپ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.

  تېكساس ئىشتاتى تېرنىتىي داشۆسىنىڭ تارىخشۇناسى تەن جىنا نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان بىر تەرەپلىمە قاتتىق سۆزلىرىنى تەنقىدلەپ، بۇ سۆزلەر ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ