مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

زېلېنسكىي: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت

2019.05.13 15:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ئۇكرائىنانىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي 5-ئاينىڭ 10-كۈنى كىيېۋدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، ئۇكرائىنا جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

  زېلېنسكىي شۇ كۈنى جۇڭگونىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ ۋېي ئۆزىنى يوقلىغاندا يۇقارقىلارنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا، ئوكرائىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

  زېلېنسكى مۇنداق دېدى: «جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمەن، جۇڭگودىن پايدىلىق تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى خالايمەن. ئوكرائىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ، ئوكرائىنا رايون ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا ئىگە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرسا بولىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ