مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيەلىك ياشلار ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تۇرمۇشىمىزغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەزمۇنىغا دىققەت قىلمايدىكەن

2019.05.10 16:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ياپونىيە توكيو مالىيە ئۆمىكى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى ئاساسىي قانۇن خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن 17 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان 1000دەك قىز-ئوغۇلنىڭ رايىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دىققەت قىلىۋاتقانلار %59.8كە يەتكەن، پارلامېنتنىڭ ئاساسي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنىنى چۈشىنىدىغانلار ئاران %33.8كە يەتكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مۇھاكىمىسى ياشلارغا سىڭمىگەن.

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دىققەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدە، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارمۇ، ئۈمىد قىلمايدىغانلارمۇ چىقتى، ئۈمىد قىلىدىغانلار «دەۋىرگە ماسلاشقان ئاساسىي قانۇن قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك» دېدى، ئۈمىد قىلمايدىغانلار ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىدىن ئەندىشە قىلىپ «بەلكىم ئۇرۇش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېدى.

  40.2% ياش ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇلار: تۈزىتىش كىرگۈزۈش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەزمۇنى بەك قىيىن، ئانچە چۈشەنمەيمىز، دېيىشكەن.

  «سىزنىڭچە ئاساسىي قانۇندىكى ئۈچ پىرىنسىپ ھازىرقى جەمئىيەتتە رول ئوينىيالامدۇ؟» دېگەن سوئالغان «تىنچلىقپەرۋەرلىك رول ئوينايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %55كە، «خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى رول ئوينايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلەر %45.7كە، «ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش رول ئوينايدۇ» دەپ جاۋا بەرگەنلەر %43.5كە يەتكەن.

  ئىگىلىنىشچە، ھازىرقى «ياپونىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنى» 1947-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇننىڭ 9-ماددىسىدا «ياپونىيە ئۇرۇش قوزغاش، قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچىنى خەلقئارا ماجلارنى ھەل قىلىش ۋاستىسى قىلىشتىن مەڭگۈلۈك ۋاز كېچىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ياپونىيە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرى ۋە باشقا ئۇرۇش كۈچلىرىنى ساقلىمايدىكەن، دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ