مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

بۈگۈنكى دۇنيادا 8 مىليون خىل جانلىقنىڭ 1 مىليون خىلى ئىنسانلار سەۋەبلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە

2019.05.10 16:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ھازىرغىچە ئەڭ ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر باھالاش دوكلاتىدا يەرشارى يولۇققان مىسلىسىز ئېچىنىشلىق مەنزىرە سۈرەتلەندى! ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكېلوگىيە سىستېمىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىلمىي سىياسەت سۇپىسى شۇ كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ: بۈگۈنكى دۇنيادا 8 مىليون خىل جانلىقنىڭ 1 مىليون خىلى ئىنسانلار سەۋەبلىك نەسلى قۇرۇپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، يەرشارىدا جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش سۈرئىتى نەچچە ئون مىليون يىل ئىلگىرىكىدىن نەچچە ئون مىڭ ھەسسە تېزلەشتى، دېگەن.

  ئامېرىكا خىبور پوچتا گېزىتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى خەۋەر بېرىپ: بۇ 1800 بەتلىك دولاتنى 500گە يېقىن ئالىم ئۈچ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق پۈتتۈردى، لەيلىمە جانلىقلاردىن بېلىق تۈرى، ھەسەل ھەرىسى، مارجان، ئورمان، پاقا تۈرى ۋە قۇرت-قوڭقۇزغىچە بولغان تۈرلۈك مەخسۇس تەتقىقات ساھەسىنى قاپلايدۇ. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈنسېرى تارىيىۋاتقان ئارام ئېلىش ئورنى، تەبىئىي بايلىقنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش، كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە بۇلغۇما يەرشارىدىكى جانلارنىڭ ئازىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكەن، بۇ ئامىللار پۈتۈن دۇنيادىكى %40تىن كۆپرەك قوش ماكانلىق جانلىقلار، %33 مارجان خادا تاشلىرى ۋە 3\1 قىسىمدىن كۆپرەك دېڭىزدىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا تەھىدىت پەيدا قىلغان، ئۇلار نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكېلوگىيە سىستېمىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىلمىي سىياسەت سۇپىسىنىڭ رەئىسى روبېت: بارلىق جانلىقلار تايىنىپ ياشايدىغان ئېكېلوگىيە سىستېمىسى مىسلىسىز سۈرئەتتە ناچارلىشىۋاتىدۇ، دېدى. بىراق خۇش خەۋەر شۇكى، بۇ دوكلاتتىكى مەزمۇنلارنى 132 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئېتىراپ قىلدى، ئۇلار مەسىلىنى ھېس قىلدى، بىز ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك دېدى.

  بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىنسانلار يەرشاردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاساسلىق قاتىللارنىڭ بىرى، سانائەتلىشىشتىن بۇيان، ئىنسانلار يەرشارىدىكى %75 يەر ۋە %66 دېڭىز-ئوكياننىڭ ئېكېلوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى پاجىئەلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۆتكەن 50 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن دۇنيانىڭ نوپۇسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، 3 مىليارد 700 مىليوندىن 7 مىليارد 600 مىليونغا يەتتى، ئوتتۇرىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۆت ھەسسە ئاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىكى 3\1 قىسىم يەر ۋە %75 تاتلىق سۇ زىرائەت تېرىش، چارۋا بېقىشقا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

  دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرمۇ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. دوكلاتتا: كېلەركى يىلى ئېكېلوگىيە ساغلاملىقىغا ئالاقىدار ئىككى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىدۇ، بىرى، جۇڭگو ئاچىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسىنى 15-قېتىم ئىمزالىغۇچى تەرەپلەر يىغىنى بولۇپ، يىغىندا كەلگۈسى 20 يىلدىكى يېڭى نىشان بېكىتىلىدۇ؛ يەنە بىرى، پارىژ كېلىمات كېلىشىمىنى ئىمزالىغان دۆلەتلەر دۇنيانىڭ ئىللىپ كېتىشىنى ياخشىلاشقا بەرگەن ۋەدىسىگە قايتىدىن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ