مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈشتىن نېمىلەر بايقالدى؟

2019.05.10 16:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا 5-ئاينىڭ 5-كۈنى موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونغاندا ئوت كېتىپ، 37 ئادەم ھايات قالدى، 41 ئادەم قازا قىلدى. بىر كۈنلۈك دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار تارماقلار نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئىگە بولدى.

  ئايروپىلان بىلەن يولۇچىلار نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن؟ تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەختكە يارىشا ئامان قالغان ئايروپىلان خىزمەتچىسى كاسساتكىننا ئەسلەپ، ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن بىر توپ قارا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى ھەم شىددەتلىك مۆلدۈرگە ئۇچرىدى، ئارقىدىن ئايروپىلان گەۋدىسىدىن غايەت زور ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ سىرتىدا ئېلېكتىر ئۇچقۇنىغا ئوخشاش ئۇچقۇن پەيدا بولدى دېگەن.

  ھايات قالغان يولۇچى، رۇسىيە شىمالىي مورىسكى شەھىرىنىڭ باشلىقى يېۋمېنىكوۋ مۇنداق دېدى: بىز ئايروپىلاننىڭ ئاسماندا ئىككى قېتىم غايەت زور ئاۋاز چىقارغانلىقىنى ئاڭلىدۇق ھەم ئايروپىلاننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ماتور رايونىدا چاقماققا ئوخشايدىغان ئىككى قاتار ئۇچقۇننىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆردۇق، لېكىن شۇ چاغدا ئوڭ ماتورغا ئوت كەتمىگەن ئىدى، ئايروپىلان جىددىي قونغاندا قونۇش يولىغا ئىككى قېتىم سوقۇلدى، 2-قېتىم سوقۇلغاندىن كېيىن ماتورغا ئوت كەتتى، ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ چىراغلىرى ئۆچتى، يولۇچىلار قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن قېچىپ چىقتى.

  ئايروپىلاندا جەمئىي بەش خىزمەتچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى قازا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە بۇ ئايروپىلان خىزمەتچىسى ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ئىكەن. ئايروپىلاننىڭ ئارقىسىغا ئوت كەتكەندە، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىشقا تېرىشقان بولسىمۇ ئاچالمىغان، ئۇ ئارقىدىن يولۇچىلارنىڭ تارقاقلىشىشىغا ياردەملەشكەندە قازا قىلغان.

  ھەممىسى چاقماق تېرىغان بالامۇ؟ تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بىلىدىغان، ئىسمى نامەلۇم رۇسىيەنىڭ بىر ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسى ئۈلۈشكۈن مۇنداق دېدى: ئايروپىلاننىڭ چاقماق زەربىسىگە ئۇچرىشى دائىملىق ئەھۋال، بۇ-ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال ھېسابلانمايدۇ، چاقماق ئايروپىلاننىڭ بەزى سىستېمىسىنى ئىشتىن توختىتىپ قويغان تەقدىردىمۇ، زاپاس سىستېما ئۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئايروپىلان باشلىقى ئايروپىلاننى ئاسماندا ئىمكانقەدەر ئۇزۇن ئايلاندۇرۇپ يېقىلغۇسىنى خوراتسا بولىدۇ.

  بۇ مۇتەخەسسىس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنى لايىھەلەش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، بۇ ئايروپىلان ئاسماندا تۇرۇپ يېقىلغۇسىنى ئېقىتىۋېتەلمەيدۇ. يۇقىرىقى ئايروپىلان ۋەقەگە ئۇچرىغاندا جەمئىي 28 مىنۇت ئۇچۇپ، ئىككى يېرىم توننا يېقىلغۇنى سەرپ قىلغان، قونغاندا ماي باكىدا يەنە ئون توننىچە يېقىلغۇ ئېشىپ قالغان.

  بۇ مۇتەخەسسىس مۇنداق دەپ قارىدى: ئايروپىلان باشلىقىنىڭ ئايروپىلاننى ئاسماندا ئۇزۇن مۇددەت ئايلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ جىددىي قونۇشى-ئايروپىلاننىڭ بەزى سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي كاردىن چىققانلىقى ياكى ئايروپىلاننى كونتىرول قىلىشنىڭ تەسكە توختىغانلىقى ۋەياكى ئۇچقۇچىلارنىڭ يەر يۈزى كونتىرول مەركىزى بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىلىشالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىر قەدەر پەس بوشلۇقتا نۇرغۇن ئايروپىلانلارنىڭ يەر يۈزى بىلەن خەۋەرلىشىش ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن سوقۇلۇش خەتىرىگە ئۇچرىشى ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەھۋال.

  ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونغان چاغدىكى بوشلۇق ئوربىتىسى ۋە سۈرئىتىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بايقىغان، كەسپىي ئەربابلار ئۇچقۇچىلارنىڭ قونۇش ئالدىدا قارشى يۆنىلىش تورمۇز قۇرۇلمىسىنى ئوڭۇشلۇق قوزغىتالىغان ياكى قوزغىتالمىغانلىقى ھەم بۇ قۇرۇلمىنىڭ خىزمەت ھالىتى، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش جازىسىنىڭ يەرگە تېگىش ھالىتىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكى، ئايروپىلان تۇنجى قېتىم يەرگە تەگكەندە قاتتىق قونۇشقا نېمىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ھەم قاڭقىغاندىن كېيىن 2-قېتىم يەر يۈزىگە سوقۇلغانلىقىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىدىكەن.

  قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈمىگە زەھەرلىنىش سەۋەب بولغانمۇ؟ رۇسىيە قانۇن ئىجرا ئورگىنىنىڭ خەۋەردار ئەربابى ئۈلۈشكۈن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن قېچىپ چىقالمىغان نۇرغۇن قازا قىلغۇچى ئايروپىلان كۆيگەندە چىققان زەھەرلىك گازدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلغان دېدى. رۇسىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى سىكوۋورزوۋا ھايات قالغان ئايروپىلان باشلىقى، ياردەمچى ئۇچقۇچى ۋە بىر ئايروپىلان خىزمەتچىسىمۇ زەھەرلىك گازدىن زەھەرلەنگەن ھەم شوك بولۇپ قېلىپ يارىلانغان، بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا داۋالانغان توققۇز ئادەمنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىر دېدى.

  شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن ئايان بولۇشىچە، ئوت ئۆچۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئايروپىلان قونۇپ بىر مىنۇتتىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ھەم ئون مىنۇتتىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرگەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش كومىتېتى گېن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسىم قازا قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغان، ھازىرغىچە 22 قازا قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى جەزملەشتۈرۈلگەن.

  مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە قاراشلىق ئورگان بولغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىدىكى بارلىق قالدۇقلارنى ئايروپىلان رېمونت قىلىش ئامبىرىغا ئېلىپ كىرىپ داۋاملىق تەھلىل قىلدى ھەم ھادىسە نەق مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلان قارا قۇتىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى.

  ئالاقىدار ئۇچقۇچىلار، يەر يۈزى كونتىرول مەركىزىنىڭ خادىملىرى ۋە ئايروپىلاننىڭ تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ خىزمەت ئىپادىسى، ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق كاشىلىسى ۋە ناچار ھاۋا رايىنىڭ تەسىرى-ھادىسە سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى قىلىنغان.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى دىترىچ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى نۆۋەتتە تەكشۈرۈشنىڭ يەكۈنى تېخى چىقىرىلمىدى، شۇڭا سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنى ئۇچۇشتىن توختىتىشنىڭ ئاساسى يوق دېدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ