مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىغا نېمە جىددىي قونغاندا ئوت كېتىدۇ؟

2019.05.10 16:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قونغاندا ئوت كەتتى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 41 ئادەم قازا قىلدى. رۇسىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھازىر ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە. جامائەتچىلىك ۋەقەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىنىڭ قانداق بولغانلىقى، يولۇچىلار ئايروپىلانىغا نېمە ئۈچۈن جىددىي قونغاندا ئوت كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلماقتا.

  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىغا جەمئىي 78 ئادەم چىققان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 41 ئادەم قازا قىلدى، 37 ئادەم ھايات قالدى دەپ جەزملەشتۈردى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش ئايروپىلان خىزمەتچىسىنىڭ تۆتى بەختكە يارىشا ئامان قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئايروپىلان باشلىقىمۇ بار ئىكەن. جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋەقە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئىسپاتلىدى.

  بۇ-رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 23 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جانغا زامىن بولىدىغان ھاۋا ھادىسىسىگە ئۇچرىشى. ۋەقەدىن كېيىن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋ دەرھال يوليورۇق بېرىپ، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاخبارات دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: كومىتېتىمىز موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىغا جىنايى ئىشلار رازۋېدكىچىلىرىنى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى ھەم يارىدارلار، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، ئايرودۇرۇم خىزمەتچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ، ۋەقە پەيدا بولۇشنىڭ تۈرلۈك ئامىللىرىنى تەھلىل قىلدى، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بارلىق ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ئېلان قىلىدۇ.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18 لەردە، بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، غەربىي شىمالدىكى شەھەر مورمانىسكىغا بارماقچى بولغان. يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئايروپىلان باشلىقى شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمى يەر يۈزى كونتىرول مەركىزىدىن جىددىي قونۇشنى تەلەپ قىلغان. سائەت 18 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەنلەردە، يولۇچىلار ئايروپىلانى شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش ۋە قونۇش يولىغا قونغان.

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، موسكىۋا رايونىدا تۇيۇقسىز ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغقان. تاراتقۇلار ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش مەزگىلىدە چاقماقنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئايروپىلاننىڭ سىمسىز خەۋەرلىشىش ئەسلىھەسىدىن چاتاق چىققان، ئۇچقۇچىلار يەر يۈزى كونتىرول مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشقاندا بىر ئۈزۈلۈپ بىر داۋاملاشقان دېدى. ئايرودۇرۇمنىڭ نازارەت ۋىدىيوسىدىن ئايان بولۇشىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانى قونغاندا نەچچە قېتىم قاڭقىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2-قېتىم قاتتىق قونغاندا ئايروپىلان گەۋدىسىگە ئوت كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئايروپىلان باشلىقى تاراتقۇلارغا يولۇچىلار ئايروپىلانى جىددىي قونۇش جەريانىدا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئىدى، لېكىن شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىغا قونغاندا نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن يەر يۈزى بىلەن سوقۇلۇپ، ئۇچۇش-قونۇش جازىسى سۇنۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئارقىسىغا ئوت كەتتى دېدى.

  ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر تارتىۋالغان ۋىدىيودىن ئايان بولۇشىچە، ئوت كەتكەندىن كېيىن، يولۇچىلار ئايروپىلانى گەۋدىسىنىڭ ئارقىسى تېزدىن كۈچلۈك يالقۇن ۋە ئىسنىڭ ئىچىدە قالغان. بىر قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلان توختاپ مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئايروپىلان گەۋدىسىنىڭ ئالدىدىكى ئىككى تەرەپكە چۈشىدىغان سىيرىلغۇچتىن چۈشكەن، بىر قىسىم كىشىلەر يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ قېچىپ قۇتۇلغان. مۇددەتتىن بۇرۇن تەق بولغان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تېزدىن ئايروپىلان گەۋدىسىدىكى ئوتنى ئۆچۈرگەن. ئايروپىلاننىڭ ئارقىسى پۈتۈنلەي كۆيۈپ كېتىپ، ئۈستى تەرىپى گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنى رۇسىيە سۇخوي ئاممىۋى ئايروپىلان شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان، 2018-يىلى زاۋۇتتىن چىققان، بۇ يىل 4-ئايدا پەرۋىش ۋە رېمونت قىلىنغان. رۇسىيە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 50 تىن ئارتۇق سۇخوي دەرىجىدىن تاشقىرى 100 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى بار ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ھاۋا لىنىيەسى ۋە شەرقىي ياۋروپا رايونىغا بارىدىغان خەلقئارا ھاۋا لىنىيەسىدە قاتنايدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ