رۇسىيە قىزىل مەيداندا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، ۋەتەن ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 74 يىللىقى خاتىرىلەندى

2019.05.10 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، رۇسىيە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن غەلىبە كۈنى پارات مۇراسىمىدا، كونا شەكىلدىكى T-34 بەلگىلىك تانكا قىزىل مەيداندا پاراتتىن ئۆتتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، رۇسىيەدە 9-ماي پايتەخت موسكۋادىكى قىزىل مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلۈپ، كۆپ خىل ئىلغار قوراللار نامايان قىلىندى. رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىمۇ شۇ كۈنى تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.

  پاراتتا، رۇسىيەدىكى ھەر قايسى ئارمىيە، قىسىم تۈرلىرىدىن كەلگەن 13 مىڭدىن ئارتۇق پاراتتىن ئۆتكۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن 35 پىيادە مېڭىش ئەترىتى قىزىل مەيداندىن ئۆتتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بېلارۇسىيە، ئۆزبېكىستان، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ 8- ۋە 9-چېسلا تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانى غەلىبىسىنىڭ 74 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  1945-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24تە، ناتسىست گېرمانىيەسى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىغا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى بېرلىن شەھەر ئەتراپىدىكى كارلىسخورستا ئۆتكۈزۈلدى. تەسلىمنامە 5- ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. ۋاقىت پەرقى تۈپەيلىدىن، بېرلىننىڭ شەرقىگە جايلاشقان سوۋېت ئىتتىپاقى شۇ چاغدا 5- ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە ئىدى، ئەمما بېرلىننىڭ غەربىدىكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىلا 5- ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ياكى كەچتە ئىدى. شۇڭا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 5-ئاينىڭ 8- كۈنىنى «ياۋروپا غەلىبە كۈنى» قىلىپ بېكىتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى 5-ئاينىڭ 9- كۈنىنى «ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبە كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر بۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ