خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، لاتۋىيە پايتەختى رىگادا، بىر ئايال جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆرپ-ئادەت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆرپ-ئادەت فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا باشلاندى. بۇ قېتىمقى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ مۇددىتى ئىككى كۈن بولۇپ، شىۋېيتسارىيەدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان. زاڭزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇللارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە شىزاڭ، شىنجاڭ ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 64 پارچە فوتو سۈرەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ