18-نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» ئافغانىستان مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى

2019.05.07 15:42 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئافغانىستاندىكى كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار سەھنىدە مۇكاپات ئالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18-نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى مۇسابىقىسى بويىچە ئافغانىستان مۇسابىقە رايونى مۇسابىقىسى 5-ماي كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلدى. كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئازاد ئەھمەد بىلەن كابۇل مەرىپەت مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تاھىر فايچ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالىي مەكتەپ گۇرۇپپىسى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇلار جۇڭگوغا بېرىپ كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ