پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان «تاجاۋۇزچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى

2019.05.06 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانىدا پەيدا بولغان قويۇق ئىس-تۈتەك غەززە شەھىرىدە كۆككە كۆتۈرۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 4-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان «تاجاۋۇزچىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەنلىكى»نى ئەيىبلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىن خەلقىنى خەلقئارالىق قوغدىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئابباس باياناتىدا: «ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن، بىز ھازىر خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز». ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايى قىلمىشى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلىش ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارىتا داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، دېدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىن پەلەستىن خەلقىنى خەلقئارالىق قوغداش بىلەن تەمىنلەشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى 4-ماي كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى كەچكىچە، 200دىن ئارتۇق راكىتا بومبىسىنىڭ غەززە رايونىدىن ئىسرائىلىيە تەۋەسىگە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تانكا چىقىرىپ، جېھاد ۋە خاماسنىڭ غەززە رايونىدىكى تەخمىنەن 120 ھەربىي نىشانىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ھەمدە غەززە بەلبېغىدىكى ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  غەززە رايونىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى غەززە رايونىغا قىلغان بومباردىمانىدا تۆت پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 30 پەلەستىنلىك يارىلانغان، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا 37 ياشلىق بىر ھامىلىدار ئايال ۋە ئۇنىڭ ئەمدىلا 14 ئايلىق بولغان قىزى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ