تايلاند پادىشاھىغا تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمى باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلدى

2019.05.06 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 5-كۈنى تايلاند پادىشاھى ماخا ۋاجىرالوڭكورن تاج كىيدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچقۇرۇن، ۋاجىرالوڭكورن تەختىراۋانغا ئولتۇرۇپ بۈيۈك خان ئوردىسىدىن يولغا چىقىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ۋوفۇسى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق ۋاڭ جەمەتى ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، ئالاقىدار مۇراسىملارغا قاتناشتى. داغدۇغىلىق پادىشاھ سەپەرگە چىقىش قوشۇنى باڭكوك كوچىسىدىن ئۆتكەندە، نۇرغۇن ئاممىنى جەلپ قىلدى. ئۇلار خان جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، يېڭى تاج كىيگەن پادىشاھقا بەخت تىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ