باففېت جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.05.06 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بېركشاير-خاساۋېي شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋاررېن باففېت 4-ماي ئامېرىكا نېبراسكا ئىشتاتىنىڭ ئوماخا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق شىركەت پايچىكلار يىغىنىدا: جۇڭگو بازىرى ناھايىتى چوڭ، كەلگۈسىدە شىركەت جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدۇ، دېدى.

  باففېت شۇ كۈنى پايچىكلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ناھايىتى چوڭ بازار، «بىز چوڭ بازارنى ياخشى كۆرىمىز». بېركشاير- خاساۋېي شىركىتى جۇڭگوغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. كەلگۈسى 15 يىلدا، شىركەت جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن.

  باففېتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمراھى مانگېرمۇ كەلگۈسىدە بېركشاير-خاساۋېي شىركىتىنىڭ جۇڭگوغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باففېت بۇنىڭدىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، جۇڭگودا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بۇ ئۆزگىرىشلەر يەنە داۋاملىشىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ داۋاملىق ئاشىدۇ، دېدى.

  شۇ كۈندىكى پايچىكلار يىغىنىدا، باففېت بىلەن مانگېر ئامازون قاتارلىق زور مەبلەغ سېلىش، شىركەتنىڭ ئىز باسارلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا پايچىكلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ