- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پۇتىن بىلەن كىم جۇڭئېن 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۇچرىشىدۇ
2019.04.19 14:51 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە كرېمل سارىيى تور بېكىتى 18- چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىن بىلەن بۇ يىل 4- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كىم جۇڭئۇن 4- ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ. باياناتتا بۇ قېتىمقى رۇسىيە-چاۋشيەن رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك تەپسىلاتلىرى تېخى ئاشكارىلانمىدى.
رۇسىيە «خەۋەر گېزىتى» 17- چېسلا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەرچىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كىم جۇڭئۇن كېلەر ھەپتە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، ئالاقىدار تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتىدۇ .
2018- يىلى 5 - ئايدا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف چاۋشيەنگە زىيارەتكە بارغاندا، چاۋشيەن تەرەپكە پۇتىننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، كىم جۇڭئېننى رۇسىيەگە زىيارەتكە بېرىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر