باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىنسانلار تارتقان تۇنجى قارا ئۆڭكۈر رەسىمى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنياغا كەلدى

2019.04.12 14:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىنسانلار تارتقان تۇنجى قارا ئۆڭكۈر رەسىمى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنياغا كەلدى. بۇ زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتىنى دۇنيادىكى كۆپ دۆلەت پەن تەتقىقات خادىملىرى نەچچە يىل ھەمكارلىشىپ تاماملىدى. ئۇنداقتا، بۇ سۈرەت ئىلىم-پەندە قانچىلىك مۇھىم؟ قارا ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە ئېلىش قانچىلىك قىيىن؟

  200 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئالەمدە ماسسىسى غايەت زور، تارتىش كۈچى كۈچلۈك، ھەتتا نۇرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. ئېينىشتىيىننىڭ 100 نەچچە يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ئارقىلىق بۇ خىل ئاسمان جىسىمىنىڭ بىر قانچە خۇسۇسىيىتىنى ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئەمما، قارا ئۆڭكۈرنى ئىلمىي ئاتالغۇ سۈپىتىدە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندىلا ئاندىن ئامېرىكىلىق ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى جون ۋېللېر ئوتتۇرىغا قويغان.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، قارا ئۆڭكۈر كىشىلەرنىڭ سانسىزلىغان تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغىدى، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، تۇنجى قارا ئۆڭكۈرنىڭ سۈرىتى كىشىلەرنى ھەسسىلەپ تەقەززا قىلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «ئاجايىپ پەن تەتقىقات نەتىجىسى»، ئاسترونومىيەدىكى «مۇھىم ئابىدە»، «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» ئىش دەپ تەرىپلەندى.

  قارا ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە تارتقان «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرى ئىلىم-پەن كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گوللاندىيە نايمېخېن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ھېينو فارك شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا: «قارا ئۆڭكۈر ئىنسانلارنىڭ ئالەمنى تۈپتىن چۈشىنىشىگە چېتىلىدۇ، بىزنىڭ كائىناتىمىزدا ئىككى چوڭ نەزەرىيە بار، ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ماكرولۇقنى، كۋانت مېخانىكىسى مىكرولۇقنى تەسۋىرلىگەن، لېكىن قارا ئۆڭكۈرنىڭ گىرۋىكىدە نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بىلەن كۋانت مېخانىكىسى ماسلاشمايدۇ، ئۇ يەردە يېڭى نەرسىلەر بايقىلىشى مۇمكىن» دېدى.

  ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسىنىڭ ئاسترونومىيە دوتسېنتى دانيېل مارونى قارا ئۆڭكۈرنىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى، ئۇ ئۇزاق ۋاقىت ئۆلچىمىدە ئالەمنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدىكەن. ئەمما، كىشىلەر قارا ئۆڭكۈرنىڭ شەيئىلەرنى قانداق يۇتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمىنى يورۇقلۇق تېزلىكىگە يېقىنلاشتۇرۇپ سىرتقا پۈركۈپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. قارا ئۆڭكۈرنىڭ سۈرىتى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى يېڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە قارا ئۆڭكۈر پۇركۈش ئېقىمىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق.

  1919-يىلى، كىشىلەر ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا كۈن تۇتۇلغاندا نۇرنىڭ ئىگىلگەنلىكىنى بايقاپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئالاقىدار پەرەزلەرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىگەن. يۈز يىلدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قارا ئۆڭكۈر سۈرىتى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى يەنە بىر قېتىم قوللىغان. ئېينشتېيننىڭ ئېيتقانلىرى يەنە توغرا چىققان.

  نۇر قارا ئۆڭكۈردىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاچقا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئەمەلىيەتتە قارا ئۆڭكۈردە پەيدا بولغان «سايە» ۋە ئەتراپتىكى يىغىش تەخسىسى قاتارلىقلارنى سۈرەتكە تارتىپ، قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىزناسىنى سۈرەتلەپ چىققان. بۇ قېتىمقى سۈرەتكە تارتىشتىكى بىر نىشان M 87 ناملىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئېللىپس يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدىكى قارا ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ 6 مىليارد 500 مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى ھەقىقەتەن يىراق بولۇپ، 55 مىليون نۇر يىلىغا يېتىدۇ.

  شۇنچە يىراق ئوبيېكتنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن، ئالىملار كالىبىرى يەر شارىغا ئوخشاش چوڭلۇقتىكى تېلېسكوپنى تەقلىد قىلىپ چىقتى، مانا بۇ «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» بولۇپ، ئۇ يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان نۇرغۇن رادىيو تېلېسكوپلىرىدىن توپلانغان. چىلىنىڭ ئاتاكاما قۇملۇقىدىن جەنۇبىي قۇتۇپ مۇزلۇقلىرىغىچە، ئىسپانىيەنىڭ ئېگىز تاغلىرىدىن ھاۋاي دېڭىز ئاراللىرىغىچە بولغان سەككىز رادىيو تېلېسكوپى «ناھايىتى ئۇزۇن ئاساسىي لىنىيەلىك ئىنتېرفېرېنسىيە ئۆلچەش تېخنىكىسى» ئارقىلىق بىرلىشىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى قارا ئۆڭكۈرنىڭ سۈرىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارتقان.

  قارا ئۆڭكۈرنى سۈرەتكە تارتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تىلغا ئېلىنغاندا، تۈر ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گېرمانىيە ماكس پلانك رادىئو ئاسترونومىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئانتون سېنسۇس مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر يەر شارى تۈز بولسا، ئۇنداقتا بۇ تېخنىكا ئارقىلىق بونندا تۇرۇپ، نيۇيورك كوچىلىرىدىكى گېزىتنىڭ خېتىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

  تەخمىنەن ئىككى يىل سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، سۈرەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «يۇيۇلۇپ» چىققان. سۈرەتتە بىر مەركىزىي قارا رەڭلىك يورۇق ھالقىسىمان قۇرۇلما نامايان بولغان بولۇپ، يۇمىلاق تاتلىق-تۈرۈمگە ئازراق ئوخشايدۇ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى فانتازىيەلىك كىنو «يۇلتۇزلار ئارا كېسىپ ئۆتۈش»نىڭ ئىلمىي مەسلىھەتچىسى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەقلىد قىلغان قارا ئۆڭكۈرنىڭ رەسىمى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. «ۋەقە كۆرۈش دائىرىسى تېلېسكوپى» تۈرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ نەزەرىيە مۆلچىرى بىلەن بىردەك چىققان، بۇمۇ سۈرەتكە تارتىلغان بۇ نەرسىنىڭ قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

  ئامېرىكا خارۋارد-سىمىت ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى مەركىزىنىڭ تۈر مۇدىرى شېفې دولېمان خۇلاسە قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز ئالدىنقى ئەۋلاد كىشىلەر ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان ئىشلارنى تاماملىدۇق، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى رادىيو تېلېسكوپى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىلغان ھېسابلاش ئۇسۇلى بىر يەرگە يىغىلىپ، قارا ئۆڭكۈرنى چۈشىنىدىغان يېپيېڭى كۆزنەكنى ئاچتى.

  بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقتا دۇنيا بويىچە 200 دىن ئارتۇق تەتقىقاتچىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈرلەرنى ماسلاشتۇرۇش ئاسان ئىش ئەمەس. تۈر ئىلمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى فارك مۇنداق دېدى: «ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت، ئوخشاش بولمىغان ئاپپارات، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە چوڭ قىتئەلەر پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ئاسان ئەمەس، ئورتاق ئارزۇسىنىڭ قوزغىتىشى، تۇنجى قېتىم قارا ئۆڭكۈرنى كۆرۈش ئورتاق ئارزۇسى بولسىلا، ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر