باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىن نەتىجىلىرىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

2019.03.20 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ 2019-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى غەلبىلىك يېپىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى يىغىننىڭ نەتىجىسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، ئىچكى تاشقى خىرس تەڭ مەۋجۈت بولغان، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى پائال، ئەمەلىي سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىشەنچ ھالىتىنى نامايەن قىلدى، دەپ ھېسابلىدى.

  چەتئەل تاراتقۇلىرى ئىككى يىغىندىكى ئىقتىساد توغرىسىدىكى قارالمىلارغا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ %6تىن %6.5 لىك ئىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى، جۇڭگو باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى ئازايتىش قاتارلىق كونكىرىت تەدبىرلەر ئارقىلىق بازار ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  گېرمانىيە ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو ئىقتىسادى گەرچە نۇرغۇن ئېنىقسىز ئامىللارغا دۇچ كەلسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ئىككى يىغىندا قويۇپ بەرگەن ئۇچۇر شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئەزەربەيجان دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئاسيا تىنچ ئوكيان تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئاباسۇف مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىساد ئىشلىرىنىڭ كېلەر باسقۇچلۇق تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. توغرا ماكرولۇق پىلانى تۈزۈلدى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى كۈنسېرى ئومۇميۈزلۈك ۋە تەڭپۇڭ بولىدۇ.

  فىرانسىيە پارىژ 8-داشۆسىنىڭ پرۇفېسسۇرى پئېير پىكار مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، بۇ يىلقى ئىككى يىغىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بىر يۈرۈش ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەدبىرلەرنى جاكارلىدى، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق مۇقىم ئېشىشنى ساقلايدۇ.

  ئامېرىكا بروكىنىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇ داۋىي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش داۋامىدا نىسپەتەن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى ئازايىتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم، مېنىڭچە، بۇ ئاقىلانىلىق ھەم ناھايىتى قارشى ئېلىنىدىغان سىياسەت، ئۇ ئىستېمالنى غىدىقلاپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ياپونىيە فۇجىنتسۇ شىركىتىنىڭ باش تەتقىقات رەئىسى جىن شيەنمىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساشقا تىرىشىش بىر يۈرۈش تەدبىرلىرىگە دىققەت قىلىپ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك بازارنى ئېچىۋېتىپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتسىادىي يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى پۈرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

  كرودىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى كوسور مۇنداق دېدى: بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، جۇڭگودىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيانى ئىلھاملاندۇردى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەپسىلىي پىلانىدىن تاشقى دۇنيا جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى كۆردى، ئىشىنىمەنكى جۇڭگو تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  گېرمانىيەدىكى ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئوخوۋېن مۇنداق دەپ قارىدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ ماقۇللىنىشى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو بازىرى داۋاملىق ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، گېرمانىيە كاخانىلىرىنىڭ سېتىش، پايدا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  تانزانىيە دارسسالام داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى موشى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش چەتئەل بىلەن بولغان ھەمكارلىق سىياسىتى جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشتەك سەمىمىي ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە نۇرغۇن تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

  ئىراق باغدات داشۆسىنىڭ سىياسىشۇناسلىق پروفىسسورى ساباخ شەيخ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى يىغىن ئارقىلىق دۇنياغا ھەمكارلىق، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ۋە تەڭ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئىدىىيەسىنى يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچىلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانى تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قىلىپ تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاندېرى ئوستىروفسكىي مۇنداق دەپ قارىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەتنى كېڭەيتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىچكى بازارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بەزى قېيىنچىلىقلار بولسىمۇ، جۇڭگو ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا داۋاملىق غايەت زور تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر