- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا بۇ يىل 8-ئايدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا چەك قويۇلغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرمەكچى
2019.03.15 15:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل 8- ئايدا « ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى »دە چەكلىمىگە ئۇچرىغان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە: سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلىدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلسە، بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىلى بولىدىكەن. بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بۇ يىل 11-ئايدا بىر ئوتتۇرا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ ئىككى خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا يادرو ئوق بېشى ئەمەس بەلكى ئادەتتىكى ئوق بېشى ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر