باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

برازىلىيە زۇڭتۇڭى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەك ئالتۇن مىخانىزىمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولىمەن

2019.03.11 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  برازىلىيە زۇڭتۇڭى بولسونارو 3-ئاينىڭ 8-كۈنى: برازىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ، دېدى.

  بولسونارو شۇ كۈنى برازىلىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدىكى باش ئەلچىلىكىگە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ياڭ ۋەنمىڭ تاپشۇرغان دۆلەت مەكتۇبىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: برازىلىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 11-قېتىملىق ئۇچرىشىشى برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كېسەك ئالتۇن مىخانىزىمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈتمەكتىمەن.

  ياڭ ۋەنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن برازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا پايدا يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى بارغانسېرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە تەسىرگە ئىگە. جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشتىن-ئاخىر ئىستىراتېگىيىلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراقنى كۆرۈش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، برازىلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-برازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ كېسەك ئالتۇن رامكىسىدىكى ئالاقىسى ۋە ماسلىشىشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر