باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلادا كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قالدى

2019.03.11 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەش ئەتراپىدا، پايتەخت كاراكاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېنېسۇئېلانىڭ يېرىمدىن ئارتۇق رايونىدا تۇيۇقسىز توك توختاپ قالدى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىنگە كەلگەندە، بىر قىسىم رايونلاردا توك تەمىناتى ئەسلىگە كەلدى. ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قالغاندىن كېيىن دەرھال جىددىي رېمونت قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى ھەم 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مەملىكەت بويىچە دەرس ۋە ئىش توختىغانلىقى شۇنداقلا تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى رودرىگۇز 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىقى بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قېلىشقا سەۋەب بولدى دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى توك توختاپ قېلىشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ۋېنېسۇئېلادا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى خۇ جياچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەر كوچىلىرىدا ماڭغاندا، كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ماگىزىنلارنىڭ تاقالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوچىلاردا كېتىپ بارغان كىشىلەر ۋە ماشىنىلار بۇرۇنقى خىزمەت كۈنلىرىگە قارىغاندا بەكلا ئازىيىپ كەتكەن. ۋېنېسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستىكى مىترو ئەسلىدە دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە تولۇق قاتنايتتى، ئەمما توك توختاپ قېلىشنىڭ تەسىرىدە، بىر كۈن قاتناشنى ئىلاجىسىز توختاتقان.

  مىترو قاتنىشىنىڭ توختىشى-كاراكاسنىڭ كوچا ئاپتوبۇس قاتنىشىنىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، قاتناش چىراغلىرى نورمال خىزمەت قىلالمىدى. بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرى بىز پىيادە نەچچە سائەت مېڭىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتىشىمىز مۇمكىن دېدى. كاراكاس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىمۇ نۇرغۇن يولۇچى تۇرۇپ قالدى. باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، بىر قىسىم دوختۇرخانىلاردا توك توختاپ قالغانلىقتىن، جىددىي مۇلازىمەت قىلىش ۋە داۋالىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە ئامال بولماي، بىمارلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇندىن باشقا، تېلېفون ۋە تورغا چىقىش مۇلازىمىتىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

  شۇ جايدىكى ئاھالىلەر 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە توك توختاپ قالدى، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەر سائەت يەتتىدىمۇ كاراكاستا يەنىلا توك ئەسلىگە كەلمىدى، بىزمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدۇق، ھېچقانداق خەۋەر يوق، توك بولمىغاچقا، بىز يەنە تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ ئاڭلىيالمىدۇق دېدى.

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى توك توختاپ قېلىش-ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا قاراتقان بىر مەيدان ئېلېكتىر ئۇرۇشى دەپ ئەيىبلىدى.

  مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ دېلسى رودرىگۇز شۇ كۈنى تېلېۋىزوردا سۆز قىلىپ، ئۆكتىچىلەر ئىچىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئۇنسۇرلار كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قېلىشقا سەۋەب بولدى دەپ ئەيىبلىدى ھەم ئۇلارنىڭ مەقسىتى-ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قالايمىقان قىلىش دېدى.

  ۋېنېسۇئېلا ئاخبارات مىنىستىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قېلىشنىڭ سەۋەبى-ۋېنېسۇئېلادىكى ئەڭ مۇھىم گۇرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىدىن ئىكەن.

  ۋېنېسۇئېلا دۆلەتلىك ئېلېكتىر شىركىتى گۇرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، توك توختاپ قالدى دېدى. مەلۇماتقا قارىغاندا، پۈتۈن ۋېنېسۇئېلا ئېلېكتىر تەمىناتىنىڭ %60 تىن كۆپرەكى سۇ ئېلېكتىرىدىن كېلىدىكەن، گۇرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولسا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمدىن ئارتۇق توك تەمىناتىنى ئۈستىگە ئالغان.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى خۇ جياچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋېنېسۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى گۇئايدو دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ باسقۇچلۇق ئىش تاشلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەمدە مەملىكەت خاراكتېرلىك توك توختاپ قېلىش-ئۆكتىچىلەرنىڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن كېلىپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە نائىلاج ئىش توختاپ، كىشىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان. شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى مادۇرو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر يىغىلىش پائالىيىتى تەشكىللىگەن، ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ بايانات ئېلان قىلىشى ۋە ھەرىكەت قوللىنىشىغا داۋاملىق قاراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر