باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پانمىنجومنىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى

2019.03.11 09:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پانمىنجوم چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ داڭلىق جايلارنىڭ بىرى. ئىلگىرى كۆزگە چىلىقمايدىغان بۇ جاي چاۋشيەن ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق سۆھبەتلىشىش جايى بولۇشى بىلەن نامى چىقتى. ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدىمۇ چاۋشيەن كورېيە ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا پۇت تېپىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تارىخى ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھازىر ئۇ يېڭى قىياپىتى بىلەن چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرۈتكە بولۇش، يېرىم ئارالنىڭ گۈللىنىشىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  ھاۋا ئىسىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا سوغۇق بولغان باش باھار 3-ئايدا مۇخبىر پيوڭياڭدىن ماشىنا بىلەن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ پانمىنجومغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى. مۇخبىر پانمىنجومغا يېتىپ بارغاندا چوڭ تىپتىكى بىر تەشۋىقات رەسىمى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇنىڭدا ئىككى ئوماق بالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان بولۇپ، رەسىمنىڭ ئۈستىگە بىرلىككە كەلگەن ۋەتەننى كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز دىگەن خەت يېزىلغان ئىدى، بۇ ئېنىقكى جەنەب بىلەن شىمالنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى.

  ھازىر پانمىنجومدا چاۋشيەن ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى سۆھبىتى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بىر قەۋەتلىك ئىككى ئىمارەت بار ئىدى، بىر ئورۇندا سۆھبەت مەيدانى، يەنە بىر ئورۇندا ئىمزا قويۇش زالى بار ئىدى. سۆھبەت مەيدانى نەچچە ئون كىۋادرات مېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، بىر تىك تۆت تەرەپلىك ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىگە بەش ئورۇندۇق تىزىلغان ئىدى تۇراتتى. پانمىنجومنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ جوڭشياۋى خۇاڭ بىنجىن مۇنداق دېدى: ئۇرۇش قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى 1951-يىلى 10-ئايدىن 1953-يىلى 6-ئايغىچە بۇ يەردە 693 قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىس تۈتەكسىز كەسكىن توقۇنۇشتى.

  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن سېلىنغان ئىمزا قويۇش زالى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، 980 كىۋادرات مېتىر كېلەتتى، قىسقىغىنا بەش كۈن ئىچىدە سېلىپ پۈتتۈرۈلگەنىدى. بۇ زال پۈتۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن يەنى 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ يەردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈچ يىل داۋاملاشقان چاۋشيەن ئۇرۇشى توختىتىلدى.

  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش زالى ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئىمزا قويۇش مەنزىرىسى ساقلانغاندىن باشقا يەنە بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى ئاشۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۇرۇش ئىس تۈتەكلىرى ۋە تۈنۈگۈنكى تارىخنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن قىلىش ئۈچۈن، زالنىڭ تېمىغا قىممەتلىك تارىخى رەسىملەر چاپلانغان ئىدى.

  ھازىر دەل چاۋشيەن بىلەن كورېيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. ئۆتكەن يىلى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۈچ قېتىم كۆرۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى قېتىملىق كۆرۈشۈش پانمىنجومدا ئېلىپ بېرىلدى، ئىككى تەرەپ يەنە ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى پانمىنجوم خىتابنامىسى ئىمزالىدى. بۇ خىتابنامىگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ بارلىق شەكىلدىكى دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، ئۆز ئارا دەخلى تەرۇز يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلدى. ھەربىي ئىشلار پاسىلى لىنىيەسىدىكى بارلىق دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. ئىككى تەرەپ يەنە ھەربىي ئىشلاردىن خالى رايوننى تىنچلىق رايونى قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئاخىرىدا چاۋشيەننىڭ كائىسون رايونىدا چاۋشيەن كورىيە ئورتاق ئالاقىلىشىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىشىنى كۈچەيتىپ ئەل ئىچى ئالاقە ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە پانمىنجوم تىنچلىق ئورنىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا پانمىنجومنىڭ ئىنتايىن تىنچ ئىكەنلىكىنى ھەربىي ئىشلار پاسىلى لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە راست ئوق بەتلەنگەن مىلتىقلارنى تۇتقان ئەسكەرلەر ۋە قاراۋۇلخانىلار يوقلىقىنى، جىددىي كەيپىيات تاراپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىنى تىنچلىق كەيپىياتى ئالغانلىقىنى كۆردى.

  ھەربىي ئىشلار پاسىلى لىنىيەسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە بىردىن ئىمارەت بار بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپتىكىسى پانمىنجوم راۋىقى دېيىلگەن، كورىيە تەرەپتىكىسى ئەركىنلىك ئائىلىسى دېيىلگەن ئىدى. مۇخبىر پانمىنجوم راۋىقىنىڭ 3- قەۋىتىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، پانمىنجوم پاسىلىدىكى بىر قەۋەتلىك يەتتە ئىمارەت ۋە ئوتتۇرىسىدىكى سېمونىت بىلەن ياسالغان ھەربىي ئىشلار پاسىل لىنىيەسىنى كۆردى.

  خۇاڭ بىنجىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى پانمىنجو مىللەتنىڭ بۆلىنىشىنىڭ سىمھولى بولغان ئىدى. بىراق ئۆتكەن يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن ھەربىي ئىشلار پاسىلى لىنىيەسىدىن ئۆتۈپ زۇڭتۇڭ مونجەيىن بىلەن كۆرۈشكەن ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنىچ گۈللىنىش يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ئىشقا ئاشقاندىن كېيىن، ھەربىي فورمىنى تاشلاپ، پۇقرالىق سالاھىيىتىم بىلەن ئەركىنلىك ئائىلىسى تەرەپكە ئۆتۈپ، جەنۇبتىكى قېرىنداشلىرىلا بىلەن چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر