باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە زوڭلىسى نېيتانىياخۇ چىرىكلەشتى دەپ ئەيىبلىنىپ، ئىسرائىلىيە چوڭ سايلىمىغا ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى

2019.03.04 16:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيەنىڭ باش تەپتىشى ماندېلبېرت 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئىلان قىلىپ، چىرىكلىشىش ۋە خىيانەتچىلىك قىلىشقا چېتىشلىق بولغان ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نېيتانىياخۇ شۇ كۈنى كەچتە باش تەپتىشنىڭ ئۆزىگە قاراتقا ئەيىبىنى ئىنكار قىلىپ، بۇ سىياسىي زىيانكەشلىك دېدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە پارلامېنىت سايلىمىغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، باش تەپتىشنىڭ بۇ قارارى نېيتانىياخۇنىڭ سايلام ئىستىقبالىغا قارا كۆلەڭگۈ پەيدا قىلىپلا قالماستىن، يەنە چوڭ سايلامنىڭ سايلام ئەھۋالى بىلەن سىياسىغا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

  بۇ يەردىكى ئەلئارا تەكشۈرۈشلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا پارلامېنىت تارقىتىۋېتىلىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلگەندى بۇيان، نېيتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى رىكورت گۇرۇھىنىڭ قوللاش نىسبىتى ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. چەتئەللەر ئومۇميۈزلۈك، يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنىت سايلىمىدا، رىكورت گۇرۇھى 30 ئورۇنغا ئېرشىپ، كابىنېت تەشكىللەش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، نېيتانىياخۇ يەنە بىر قېتىم زۇڭلى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.

  بىراق، بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپ ئۇدا نېيتانىياخۇ چېتىشلىق ئۈچ خىل دېلونى تەكشۈرۈپ بولغانلىقىنى جاكارلاپ، نېيتانىياخۇنىڭ چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىسپات بار دەپ ھېسابلاپ، تەپتىش تەرەپنىڭ نېيتانىياخۇ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى توغرىسىدا كۆپ قېتىم تەكلىپ بەرگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سايلام ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشغا ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەدىكى ھەر قايسى سىياسى كۈچلەر ئۈزلۈكسىز پارچىلاندى. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ سابىق باش شىتاپ باشلىقى بىنني گانتىس رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ئىلاستىكىلىق پارتىيەسى بىلەن سابىق مالىيە مىنىستىرى يار لاپىت رەھبەرلىكىدىكى كەلگۈسىگە ئىگە پارتىيە بىرلەشمىسى ئوتتۇرىدىكى گۇرۇھى ئىتتىپاقى بولۇپ تەشكىللىنىپ، رىكورت گۇرۇھىغا بىرگە قارشى ئىككى تاكتىسكىنى قوللىنىپ، نېيتانىياخۇنىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە مەلۇم دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلدى.

  نېيتانىياخۇ 1949-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسى سەھنىسىدە ھەركەت قىلغان، ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم زۇڭلى بولغان. نېيتانىياخۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ ئىلگىرى، بۇ نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە كېيىنكى نۆۋەتلىك سايلامدا غەلبە قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.

  ئىسرائىلىيە بايىلان داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى جوناتخان رىينخولت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: چىرىكلىك ئىشى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكتىن رىكورت گۇرۇھىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ئوتتۇرىدىكى گۇرۇھ ئىتتىپاقىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسى ۋەزىيتىگە زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  بىراق بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ئىش سايلامغا ئەمەلى تەسىر كۆسەتمەيدۇ، نېيتانىياخۇنىڭ سىياسى ئورنىغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  شۇ جايدىكى جامائەتچىلىك تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسرائىلىيەنىڭ باش تەپتىشى ئەڭ ئاخىرىدا نېيتانىياخۇ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشدىن ئىلگىرى، ئۇ يەنە نېيتانىياخۇنىڭ ئادۋۇكاتى بىلەن كېڭىشىدۇ، ھەمدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى كۈنىنى بىكىتىدۇ. بۇ جەرياننى 4-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سايلامدىن ئىلگىرى ئورۇنلاش قىيىن بولۇپ، بىر قانچە ئاي ھەتتا بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

  ئىسرائىلىيە ھىبراي داشۆسى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ دوكتۇرى جونات فىرىمان مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەش نېيتانىياخۇ ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىياسىي زەربە بولسىمۇ، بىراق ئۇ پۇقرالارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قايىل قىلىپ، ئۇلارنى سول قانات كۈچلەرنىڭ سىياسى مەقسىتىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلىسە، سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ھېسداشلىقىنى ۋە قوللىشىنى ئۇرغۇتۇپ، بۇ خەۋپتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن.

  بۇ جايدىكى جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نېيتانىياخۇنىڭ سىياسى تۆھپىسى ھەممىگە ئايان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئىچىدىكى ئورنىنى ۋاقتىنچە باشقىلار تەۋرىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆكتىچى گۇرۇھىمۇ رىكورت گۇرۇھى بىلەن قارشىلىشالمايدۇ، شۇڭا نېيتانىياخۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدا چىرىكلەشتى دەپ ئەيىبلەش بىلەن ئۆزگىرىش بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر