باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كەشمىردىكى جېدەل بېسىقماي تۇرۇپ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان خەلقئارا سوتتا تۇتۇشۇشقا تەييارلاندى

2019.02.20 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ھىندىستاننىڭ سابىق دېڭىز ئارمىيە كوماندىرى پاكىستاندا جاساسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا چېتىلىش دېلوسىغا قاراپ چىقىشنى بېكىتتى، ھىندىستان پاكىستاننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىناۋەتسىز، دەپ كېسىم چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ھىندىستان-پاكىستان مۇناسىۋىتى ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا 2-ئاينىڭ 14-كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى سەۋەبىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى. نۇرغۇن خەلقئارا تاراتقۇلار ئىككى تەرەپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە تىركىشىپ زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىدى.

  گوللاندىيەنىڭ گائاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ھىندىستاننىڭ سەپتىن چېكىنگەن دېڭىز ئارمىيە كوماندىرى كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋ دېلوسىغا قاراپ چىقىشقا باشلايدۇ.

  كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋ 2016-يىلى 3-ئايدا پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بالۇجىستان ئۆلكىسىدە قولغا ئېلىنغان، كېيىن پاكىستان ھەربىي سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغان. سوت مەھكىمىسى ئۇنى ھىندىستاننىڭ ئاخبارات تارماقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بالۇجىستان ئۆلكىسىدە جاسۇسلۇق قىلغان ھەمدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان دەپ كېسىم چىقىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىغىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئادۋوكادلىرى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە مەيدانىنى شەرھىيلەپ، پاكىستان «ۋېنا كونسۇللۇق مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى»غا خىلابلىق قىلىپ، كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋنى كونسۇللارنىڭ يوقلىشىنى رەت قىلدى، دەپ ئەيىبلەيدىكەن. ھىندىستان كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋ جاسۇس ئەمەس، سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئىراندا سودا قىلغان، ئىراندا پاكىستان تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بالۇجىستانغا ئېلىپ كېلىنگەن، دېدى.

  ھىندىستان خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ، دەپ كېسىم چىقىرىپ، پاكىستاننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشىنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە ئۇنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  پاكىستان خەلقئارا سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان نارازىلىق ئەرزى سوتى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئوتتۇرىغا قويغان كونسۇللار يوقلاشنىڭ بۇ دېلو بىلەن ئالاقىسى يوق، دېدى. پاكىستاننىڭ سۆزى بويىچە، كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋ جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

  خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 2017-يىلى پاكىستاندىن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش تۆت كۈن داۋاملىشىدۇ، جەريانى سىرتقا ئاشكارىلىنىدۇ. ئاخىرقى كېسىم نەچچە ھەپتىدىن كېيىن چىقىرىلىشى، نارازىلىق ئەرزى سۇنغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.

  خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئەدلىيە ئورگىنى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قانۇنىي ماجرا قاتارلىقلارغا خەلقئارا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىشقا مەسئۇل. ئۇنىڭ كېسىمنى ئىجرا قىلىش مىخانىزمى يوق.

  رېيتىر ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان بىلەن پاكىستان دائىم بىر-بىرىنى جاسۇسلۇق قىلدى، دەپ ئەيىبلەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئالىدىكەن، ئۇلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەندە «سۆھبەت پېشكىسى» بولىدىكەن.

  ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئالدىنقى قېتىم 1999-يىلى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە تۇتۇشقان، پاكىستان ئەينى چاغدا ھىندىستاننى پاكىستاننىڭ بىر دېڭىز ئارمىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋېتىپ، 16 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  فىرانسىيە ئاگېنتلىغىنىڭ مۆلچىرىچە، كۇلبۇشان سۇدىر جاداۋ دېلوسى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېڭى زىددىيەت تۇغدۇرىدىكەن. جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى نەچچە كۈندىن بۇيان جىددىي يامانلىشىپ كەتتى.

  ھىندىستان خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ بىر كالونى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ھىندىستان مەركىزىي زاپاس ساقچى قىسمىنىڭ 44 ئەسكىرى قازا قىلدى. «مۇھەممەد ئارمىيەسى» بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھىندىستان بۇ دىنىي ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلات پاكىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلارنى «كۇكۇم-تالقان» قىلىۋېتىمىز، دەپ تەھدىت سالدى.

  ھىندىستان ئۇزاقتىن بۇيان پاكىستان ھىندىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ۋە بۆلگۈنچى قوراللىقلارنى قورال بىلەن تەمىنلىدى، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى. 1947-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئايرىپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر رايونىنى تالىشىپ ئىككى قېتىم ئۇرۇش قىلدى.

  ھىندىستاننىڭ مالىيە مىنىستىرى ئارۇن جايىتلېي 2-ئاينىڭ 15-كۈنى: ھىندىستان پاكىستانغا قاراتقان ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى، دېدى.

  ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كاتىپى ۋىجاي گوخالى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى پاكىستاننىڭ باش ئەلچىسى سۇخەل ماھمۇدنى چاقىرتىپ، پاكىستاندىن «مۇھەممەد ئارمىيەسى»گە ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پاكىستاندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كەتتى. پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ ھىندىستاننىڭ پاكىستاندىكى مۇئاۋىن ئالىي ئەمەلدارىنى چاقىرتىپ، ھىندىستاننىڭ «قىلچە ئاساسسىز ئەيىبلەشلىرى»نى ئىنكار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر