باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەدە تۇرۈشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىڭ يەر يۈزى قىسمى نەچچە ھەپتىدىن كېيىن چېكىنىشى مۇمكىن

2019.02.14 17:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى يوسېف ۋورتېل يېقىندا مۇنداق دېدى: سۇرىيەدە تۈرۈشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى مىڭ يەر يۈزى قىسمى نەچچە ھەپتىدىن كېيىن چېكىنىشى مۇمكىن، ئېنىق ۋاقىت ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشنىڭ سۈرئىتىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ.

  ۋورتېل مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ۋە ئۇ قوللاۋاتقان كورد قۇراللىق كۈچلىرى سۇرىيەنىڭ شەرقىدە «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشنىڭ «ئاخىرىقى جېڭى»نى قىلىۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىنى جاكارلىدى. تىرامپ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە ئەندىشىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىرادىسىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، ئەمما ھازىرغىچە ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر