باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان زۇڭلىسى جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى

2019.01.21 14:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پاكىستان زۇڭلىسى ئىمرانخان ئۈلۈشكۈن بىر يىغىندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىكى پۈتتۈرۈلگەن تۈرلەر پاكىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، بۇ پاكىستان خەلقىگە غايەت زور ئىجتىمائىي ئىقتىسادى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. مەن جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىمرانخان يىغىندا جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى سودا مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بېرىپ، ھۈكۈمەتنىڭ جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى كەسپ باغچا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە سىياسەت تەكلىپى بەردى.

  ئىمرانخان يەنە جۇڭگو ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا 700 مىليوندىن كۆپىرەك كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش نامراتلارنى ئازايتىش تەدبىرلىرىدىن ئۆگىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ كەسىپ ۋە يېزا-ئىگىلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقى پاكىستاننىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر