- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشتى
2019.01.21 14:03 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كارتىر 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاتلانتادا: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشتى، دېدى.
كارتىر «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرلەش ۋە 7-نۆۋەتلىك كارتىر مەركىزى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو 1979-يىلى رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ بۇنىڭدىن ئاۋالقى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇشىنى تىنچلاندۇردى.
كارتىر 1977-يىلدىن 1981-يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ 39-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر