باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى

2019.01.21 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەن مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى يېقىندا ئىئوردانىيەنىڭ پايتەختى ئامماندا ئاياغلاشتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلەر ئىشخانىسى ئۈلۈشكۈن بايانات ئېلان قىلىپ: تىنچلىق سۆھبىتىدە يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىقلىرى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش قارالمىسى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى، ئىككى تەرەپ تەدبىر قوللىنىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى، دېدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى گرىففىس باياناتتا مۇنداق دېدى: تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ ئورتاق تەشىكللىگەن كومىتېت ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش قارالمىسى ھەققىدە سۆزلەشتى ۋە مەسلىھەتلەشتى، ئىككى تەرەپ سەمىمىي، ئىجابىي مۇزاكىرىلەشتى، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇشقا دائىر ئەمەلىي خىزمەتتە تۇنجى قەدەم تاشلاندى.

  قۇسەي قوراللىقلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى مەجىد فۇدەير ئىمزالىقىدىكى بىر باياناتاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە ئەسىرلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئالماشتۇرىدىكەن، ئارقىدىن ئەسىرلەرنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ، ئاخىرى ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر