باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى: رۇسىيە بىلەن گېرمانىيە سىياسىي جەھەتتە زىچ سۆزلىشىشنى ساقلىشى زۆرۈر

2019.01.21 13:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 1-ئاينىڭ 18-كۈنى زىيارەتكە بارغان گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ماس بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ بەزى مەسىلىلەردە ئىختىلاپى بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەمدە كۆپلىگەن ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتى بار. بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە، روسىيە بىلەن گېرمانىيە قويۇق بولغان سىياسىي سۆزلىشىشنى ساقلىشى زۆرۈر.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: گېرمانىيە «شىمالىي ئېرىق-2»تەبىئىي گاز تۇرۇببا تۈرى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قوللىدى، بۇنى ياۋروپانى تەبىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ سودا تۈرىگە پايدىلىق دەپ قارىدى، رۇسىيە گېرمانىيەنىڭ بۇ مەيدانىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن مەمنۇن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر