باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ ۋېتنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، جۇڭگو بىلەن ۋېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 69 يىللقىنى تەبرىكلىدى

2019.01.21 13:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ ۋېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخاناسى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، ۋېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى . ۋېتنامنىڭ ئىقتىساد، دۆلەت مۇداپىئە ۋە دىپلوماتىيە قاتارلىق تارماقلىرنىڭ مەسئۇللىرى، ۋېتنامدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيوڭ بو كۈتىۋىلىش يىغىنىدا سۆزى قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستانە ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ۋېيتنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىېتنامنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشكە تۇرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر