باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى يۈزدىن كۆپرەك ئەرباب، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى يەنە بىر قىتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2019.01.21 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە « تايمىس گېزىتى » مۇشۇ ئاينىڭ 17 - كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى 100 دىن ئارتۇق ئەرباپنىڭ بىرلەشمە ئىمزالىق خېتىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى تېزدىن يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سودا ساھەسىدىكى ئەرباپلارنىڭ بۇ بىرلەشمە ئىمزالىق خەتىدە مۇنداق دېيىلدى: بىز ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى بىلگەن بولساقمۇ، بۇ كېلىشىمىنى دەسلەپتە قوللىغان ئىدۇق، لېكىن كېلىشىم پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىر بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز قالمىدى، نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىش، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشىنى توسۇش، بۇنىڭدىكى لاھيە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى يەنە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇپ، جامائەتتىن يەنىلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى سوراپ بىقىش .

  ئۇلار يەنە ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي، يېڭى كېلىشىم ھاسىل قىلىش خىيالدىن ۋاز كېچىشىنى مۇراجەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر