- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پەلەستىن ئەمەلدارى، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىسرائىلىيە بىلەن تىنىچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلماقچى بولغانلىقىنى رەت قىلدى
2019.01.21 13:57 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن زۇڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسى نەبىر، شائاس مۇشۇ ئاينىڭ 17 –كۈنى، پەلەستىننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدا ئۆز ئالدىغا ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشتەك ھەر قانداق نىيتىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە يان بېسۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكا تىنچلىق ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قارارنى قايتۇرۋالمىسا، پەلەستىننىڭ ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر