باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2019.01.21 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلغان « ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش » كېلىشىمنى ئىنكار قىلغاندىن كىيىن، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى ھۆكۈمەت سۇنغان ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۆتكۈنچى مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى قانۇنىي ئورنىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر تۇرلۇك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

  بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدى كېلىشىملىك ئايرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئەنگلىيەنىڭ گېرمانىيەدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى، شۇنىڭدەك ئەنگلىيەلىكلەر ۋە شىركەتلىرىنىڭ گېرمانىيەدىكى ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشدىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل، ئەنگلىيە 2019- يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن رەسمى ئايرىلغاندىن باشلاپ 2020 ـ يىلنىڭ ئاخىرغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. لايىھەگە ئاساسەن، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، گېرمانىيە ئەنگلىيەنى يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت دەپ قارايدۇ. ئەنگلىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە گېرمانىيەنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئۆتۈشنى ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈنۈملۈك دەپ قارايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر