باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تېرىسسا ماي نىمە ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆتكەلدىن ئۆتتى؟

2019.01.21 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى 325 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى، 306 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيە لىبورستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كېربېن ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك تەكلپىنى ئىنكار قىلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى لايىھىسىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى كۈن داۋاملاشقان پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى ئوخشاش بولمىدى. بۇ ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەتنى ئويلاشقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نى كېچىكتۈرۈش ئىھتىمالى ئاشتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن داۋاملىق سودىلىشىشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى ھۆكۈمەت ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكەن يىلى ھاسىل قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى لايىھىسىگە مۇتلەق قارشى تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ 100 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى «ئۆز ئىچىدىن ئۆزىگە قارشى چىقتى». بىراق نەچچە كۈندىن كېيىن، پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى ئاۋازغا قويۇشتا باش ۋەزىر تېرىسسا ماينىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىشىنى تاللىدى. بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ئىككى قېتىملىق ئاۋازغا قويۇشنىڭ ماھىيىتى ئوخشىمايدۇ. پارلامنېت ئەزالىرى ئاۋازغا قويۇشتا ئويلاشقان مەسىلىمۇ تامامەن ئوخشىمايدۇ. «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمى لايىھىسىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئىنكار قىلىنىشىدىكى سەۋەپ ھەر قايسى پارلامېنت ئەزالىرى سايلام رايونىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىپ، كېلىشىمنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق سايلام رايونىغا پايدىسز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن بولدى. مەسىلەن: شىمالىي ئېرلاندىيە دېمۇكىراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىتتىپاقى كېلىشىمدىكى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيە رايونى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى ئېرلاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەزمۇن ئەنگلىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ قارشى ئاۋاز بەردى.

  1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك ئاۋازىنى ئاساسلىقى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ باشلىقى كوربېن قوزغىغان بولۇپ، ھەر قايسى پارلامېنت ئەزالىرى ئاۋاز بەرگەندە پارتىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشتى. گەرچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ئەركىن مىللىي پارتىيىسى، ۋېلش مىللىي پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيەلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تېرىسسا مايغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مۇتئەسىپلەر پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيەنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاساسەن تېرىسسا ماينى قوللاپ ئاۋاز بەردى. شىمالىي ئېرلاندىيە دېمۇكىراتىك بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيىسى مۇتەئەسىپلەر پارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقدېشى بولۇش سۈپىتى بىلەن قوللاپ ئاۋاز بەردى.

  تېرىسسا ماي ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارتىيە ئىچى ۋە پارلامېنتتىكى ئىشەنمەسلىك ئاۋازىغا بەرداشلىق بېرەلىدى. بۇ ئۇنىڭ يەنىلا باش ۋەزىرلىككە ماس كېلىدىغان بىردىن بىر نامزات ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 2- قېتىملىق ئومۇم خەلقنى ئاۋازغا قويۇش ساداسىغا قارىتا تېرىسسا ماي «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇساپىسىنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. ھەمدە: مەن داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىكەنمەن، ئەنگىليەنى باشلاپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» يولىنى ئاخىرىغىچە بېسىپ بولىمەن، دېدى.

  پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى چىقارغان قارارغا ئاساسەن، تېرىسسا ماي 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئىلگىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» يېڭى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇشقا يەنە بىر قېتىم سۇنىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يول قويۇشىنىڭ چېكى بار، ئىلگىرى ھاسىل قىلىنغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىدە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

  ئەنگلىيە بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىشنى بېكىتكەن ئىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: 2- قېتىملىق ئومۇم خەلقنى ئاۋازغا قويۇشى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» يېڭى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشى، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىش»ى دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ خىل ئىھتىماللىق ئانچە زور بولمىغان ئارقا كۆرىنىشتە، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلىش» مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ئىھتىمالى زورايدى.

  1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كۈتىنىش ۋەزىرى ئەنبو رادې مۇخبىرنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇددىتى كېچىكتۈرۈلەمدۇ دەپ سورىغان سوئالىغا «ھەر قانداق بىر تاللاشنى ئاسانلا ئىنكار قىلىۋەتسەك بولمايدۇ» دېدى ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ئىھتىمالى بار دەپ بىشارەت بەردى. يەنە بىر جەھەتتىن، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ: ئەگەر ئەنگلىيە پارلامېنتى كېلىشىمنى ماقۇللىمىسا، ھەمدە تېرىسسا ماي باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالسا، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» مۇددىتىنى بۇيىل 7- ئايغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈشكە قوشۇلىشىمىز مۇمكىن، دېگەن.

  ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» كېلىشىمىنى ئىنكار قىلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە فوندستېرلىڭىنىڭ قىممىتى ئۆرلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە پارلامېنت«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»قا يېتەكچىلىك قىلسا ھەمدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى» كېچىكتۈرسە، بازار بۇ خىل ئەھۋالنى قارشى ئالىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر