باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن بولغان دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلدى

2018.12.10 09:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالاپ، ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە 1997-يىلى ئىمزالىغان ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق شەرتنامىسىنى بىكار قىلىمەن.

  ئۇكرائىنا رۇسىيە دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى ئەسلىدە 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى توشاتتى. ئۇكرائىنا پارلامېنتى مۇشۇ ئاينىڭ 6 – كۈنى ئاۋاز بېرىپ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلدى.

  ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر نەچچە پاراخوتى مۇشۇ ئاينىڭ 25-كۈنى رۇسىيەنىڭ كېرچ بوغۇزىدىن ئۆتكەندە رۇسىيە تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان بولۇپ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىدى. پاراخوت ۋە خادىملارنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىككى تەرەپ توقۇنۇشىنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ئىككى تەرەپنىڭ قارىشى بىردەك بولمىغان. رۇسىيە ئۇكرائىنانى قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى دېدى، ئۇكرائىنا بولسا بۇنى ئىنكار قىلدى. رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن بۇ يېڭى ۋەقە تۈپەيلىدىن رايون ۋەزىيىتى جىددىيلەشتە، ئۇكرائىنا ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەمدە غەرب ئەللىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر