باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2018.12.10 09:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى زۇڭلى نېيتانىياخۇنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، پۇتىنغا ئاللاھ پارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان لەخمىسىنى ۋەيران قىلغان شىمالىي قالقان ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ لەخمىنىڭ تەھدىتىنى مەغلۇپ قىلىش ئىرادىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  باياناتقا ئاساسەن، نېيتانىياخۇ بىلەن پۇتىن، ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ يېقىندا يىغىن ئۆتكۈزۈشىگە، ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان.

  رۇسىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى شۇ كۈنى تىۋىتتېردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پۇتىن بىلەن نېيتانىياخۇ سۆزلىشىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پۇتىن يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان چېگرا سىزىقىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر