- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇھلارنى ئاقلىماقچى
2018.12.10 09:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدا خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى قوزغىغان سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئاقلىماقچى دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى،11-ئاينىڭ ئاخىرى سۇرىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى ھەلەپتە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك قورال ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلىرى پەيدا قىلغان بولماستىن، بەلكى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلەتكەن دېدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئاقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ شەرقىي رايونلىرىنى بومباردىمان قىلىپ پۇقرالارنىڭ يارىلىنىشىنى ۋە قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا بولغان دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراشتىن ئىبارەت.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر