- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مېدۋېدېۋف: رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئېكسپورت كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ
2018.12.10 09:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋف يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رۇسىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك بولۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى، كەلگۈسىدە رۇسىيە يېزا ئىگىلىك ئېكسپورت كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.
مېدۋېدېۋف تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر سىياسىي پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى : رۇسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ يىراق كەلگۈسى نىشانى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئوبوروتىنى يەر شارىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇردى، رۇسىيە يېزا ئىگىلىكىدە ئۆز ئۆزىنى تەمىنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندىن كىيىن، دۇنيا بازىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا رۇسىيەنىڭ بۇغداي بىلەن ئۇن ئېكسپورت مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 54.3 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېكسپورت سوممىسى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 62 ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر