باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ: جون كېللى يىل ئاخىردا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدۇ

2018.12.10 09:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جون كېللى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىدۇ.

  ترامپ بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندا يەنە، ئۆزىنىڭ ئىككى ئۇچ كۈندىن كىيىن كېللىنىڭ ئورۇنباسارىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  كېللى بۇ يىل 68 ياشتا بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ترامپ تەرىپىدىن ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلقىغا تەيىنلەنگەن. بۇندىن ئىلگىرى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى بىخەتەرلىكى مىنىستىرى بولغان.

  ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرىدا يېقىندا كۆپ ئۆزگىرىش بولدى. مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى، تىرامپ ۋىليام بال بىلەن خىتېر نورتنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىكىگە تەيىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر