باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە تەكشۈرۈش ئۆمىكى شەرقىي دېڭىز تومۇر يولىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن چاۋشيەنگە يېتىپ باردى

2018.12.10 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى مۇنداق دېدى: كورېيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش ئۆمىكى چاۋشيەندە، چاۋشيەن تەرەپ خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي دېڭىز تۆمۈر يول لىنىيەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يولغا چىقتى.

  كورېيە تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ28 ئەزاسى، مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ چاۋشيەنگە كىردى. كورېيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە : ئۇلار چاۋشيەن خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي دېڭىز تۆمۈريول لىنىيەسىنى10 كۈن تەكشۈرىدىكەن. تەكشۈرۈش بۆلىكى كۇمگاڭ تېغى تۇمان-گاڭ دەرياسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 800 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  بۇ كورېيەنىڭ چاۋشيەنگە تۆمۈر يولىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم ئۆمەك ئەۋەتىشى. 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، كورېيەنىڭ تۇنجى تۆمۈريولنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى جىنيى لىنىيەسى تومۇر يولىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن چاۋشيەنگە باردى.

  بىرلەشمە تەكشۈرۈش، جەنۇب شىمال تۆمۈر يولنى تۇتاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش تۈرى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 11-ئايدا كورېيە بىلەن چاۋشيەننىڭ چېگرا ھالقىغان تۆمۈر يولنى بىرلەشمە تەكشۈرۈشكە قارىتىلغان جازاسىنى كەچۈرۈم قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر