باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما بىر بەلباغ بىر يولغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنى تەشكىللىدى

2018.12.10 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېرما زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ7-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىر بەلباغ، بىر يولغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكنى دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭسەن سۇكى ئۈستىگە ئالدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ كومىتېتنى قۇرۇشتىن مەقسەت، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئاستىدا جۇڭگو ـ بىرما ئىقتىساد كارىدورىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتى بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇشقا قاتنىشىش جەريانىدا، بېرما فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىگە، شۇنىڭدەك ئالاقىدار سىياسەتلىرى قاتارلىقلارغا بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: بېرما بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ـ بېرما ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر