باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پەلەستىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننى قوللىغانلىقىنى قارشى ئالدى

2018.12.10 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەلەستىن مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ( خاماس )نى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىمىغانلىقىنى ۋە « ئىككى دۆلەت لايىھەسى »نى قوللاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ رۇدەينا مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەگە پەلەستىننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا قارىتىلغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى . خاماس مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنى سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خاماسنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللانمىغانلىقى ئامېرىكا دائىرىلىرىغا «بىر كاچات» سېلىنغانلىق دېدى. پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ)، پەلەستىن ئىسلام غازاتچىلىرى تەشكىلاتى (جېھاد)، پەلەستىننى ئازاد قىلىش خەلق فرونتى، پەلەستىننى ئازاد قىلىش دېموكراتىك فىرونتى قاتارلىقلارمۇ بايانات ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر