باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۇرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇش مۇراجىئەت قىلىندى

2018.12.10 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى شيې شياۋيەن مۇشۇ ئاينىڭ 7 -كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تېرشىچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. شيې شياۋيەن يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيو يوركتىكى باش ئورگىنىدا زىيارتتە بولدى ھەمدە جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمىستۇرا بىلەن كۆرۈشتى. شيې شياۋيەن مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىدە، جۇڭگو، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە سۇرىيە ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاكتىپ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ھەر قايسى تەرەپلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر