باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى رەئىسنىڭ ئالمىشىشى كېيىنكى مېركىل دەۋرىنى ئاچىدۇ

2018.12.10 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى خامبۇرۇگدا مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي ئېچىپ، كىچىك مېركىل دەپ ئاتىلىدىغان ئانېگېرىت كىرامپ كاررېنبائۇرنى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقىنىغا 18 يىل بولغان گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىلنىڭ ئورنىغا پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسلىكىگە سايلىدى.

  خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە، يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسىنىڭ كەلگۈسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى بولۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ، كىرامپ كاررېنبائۇرنىڭ كېيىنكى مېركىل دەۋرىدە خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى ھەتتا گېرمانىيەنى قانداق باشلاپ مېڭىشى ھەممىنىڭ دىققەت مەركىزى بولۇپ قالدى.

  خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى قارالمىسى روشەن ھالدا: مېركىلنىڭ خوشلىشىشى ۋە كىرامپ كاررېنبائۇرنىڭ ۋەزىپىگە چىقىشىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈندى.

  مېركىل يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغاندا چاۋاك سادالىرى ئۇزاققىچە بېسىلمىدى، بەزى ۋەكىللەر قوللىرىغا: رەھبەر سىزنىڭ خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى رەئىسلىكىنى 18 يىل ئۆتىگەنلىكىڭىزگە رەھمەت دېگەن خەتلەر يېزىلغان شوئار تاختىلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ئىدى.

  مېركىل بارلىق ۋەكىللەرگە دوكلات بەرگەندە پارتىيە رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن 18 يىللىق تارىخنى ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار سىياسىتىنى ئاقلاپ ئۆتتى، ئۇ پارتىيە ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ساقلاشنى مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ مەندىن كېيىنكى دەۋرى ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەردى دېدى.

  مېركىل ئىلگىرىكىدەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىدىكى تېكىستىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، گېرمانىيەدىكى 16 ئىشتاتنىڭ ئىسىمىنى مىسال قىلدى، ئاخىرىدا ئۇ خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن 18 يىلدا ئۆزىنى رەھبەرلىككە تاللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ: بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم، ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم دېدى.

  يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ۋە مېھمانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى، چاۋاك سادالىرى ئون مىنۇتقىچە بېسىقمىدى، خىرىستيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى مېركىلغا دىرىژور ناگانو 2017-يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرۇگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە بېتخوۋېننىڭ 9-سىمفونىيەسىنى ئورۇندىغاندا ئىشلەتكەن دىرىژور تايىقىنى سوۋغا قىلدى.

  كولىندىن كەلگەن ياش ۋەكىل گېراسىۋول مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز، مەن مېركىل گەرچە بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ئەمما سىياسىي نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، گېرمانىيەنىڭ دۆلەت كۈچى ئاشتى، ئىقتىسادى گۈللەندى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشتى شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرتىپى ئۈچۈنمۇ كۈچ قوشتى دەپ قارايمەن.

  مېركىل چوڭقۇر ھاياجان بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، يىغىن قارالمىسى پارتىيە رەئىسىنى سايلاشقا كىردى، ئۈچ نامزات كىرامپ كاررېنبائۇر، خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى ۋە قېرىنداش پارتىيە خىرىستىيان دىنى سوتسىيال ئىتتىپاقىدىن تەركىب تاپقان ئىتتىپاقداش پارتىيەلەرنىڭ سابىق پارلامېنت پارتىيە رەئىسى ماكىس شۇنداقلا سەھىيە مىنىستىرى سىپان ئارقا ئارقىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پىروگراممىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  كىرامپ كاررېنبائۇر مېركىلگە يېقىن تۇرىدىغان كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ، كىچىك مېركىل دەپ نامى بار، ئۇ ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سال ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، ئىشتات مىنىستىرى ۋە ئىشتات باشلىقى بولغان، بۇ يىل 2-ئايدا ئۇ ئىشتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپلىقىنى ئۆتىگەن، بۇ مەزگىلدە جامائەتچىلىك: ئۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقتىن ۋاز كېچىشىدىكى مەقسىتى مېركىلنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ تەربىيەسىنى ئېلىش دەپ قارىدى.

  كىرامپ كاررېنبائۇر سۆز قىلىپ، خىرىسىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇشقا مۇراجىئەت قىلدى، ئۇ ياۋروپا سىياسىتى، سىپىرلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تىلغا ئالدى، ئۇ: مېنىڭ ئۈستۈنلۈكۈم ئادەتتىكى ئاممىغا يېقىنلىشىش شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبەمنىڭ بولغانلىقى دەپ قارىدى.

  باشقا ئىككى نامزات ئىچىدە ماكىس مېركىل بىلەن چىقىشالمايدۇ، سىپان ھەمىشە مېركىلنى تەنقىد قىلىدۇ، جامائەتچىلىك ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: ئەگەر ماكىس ياكى سىپان خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى بولسا پارتىيە ئىچىدە زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى ھەتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئىتتىپاقنى مۇددەتتىن بۇرۇن پارچىلىۋېتىشى، گېرمانيەگە سىياسىي خەتەر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كىرامپ-كاررېنبائورنىڭ غەلىبە قىلىشى ئەمەلىيەتتە مېركىلنىڭ غەلىبىسى بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقى غايەت زور كىرىزىستىن ساقلىنىپ قالدى. كىرامپ-كاررېنبائور خېلى زور دەرىجىدە ھازىرقى سىياسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، مېركىلنى پارتىيە ئىچىدە نىسبەتەن مۇقىم قوللاشقا ئېرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قالغان زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى ئۆتەش ۋاقتىنى مۇقىم ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بىراندىنبۇرىگ ئىشتاتىدىن كەلگەن ۋەكىل گوردون خوفمان شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: كىرامپ-كاررېنبائورنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى نۇرغۇن كىشىنىڭ مۆلچەرىگە ماس كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ باشقا ئىككى نامزاتقا قارىغاندا تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان بولۇپ، بۇ پۈتۈن پارتىيەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  گېرمانىيە ئىچكى قىسىمدا سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولمايۋاتقان، تاشقى جەھەتتىن ۋەزىيەت ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان كىرامپ-كاررېنبائورنىڭ زىممىسىدىكى يۈك ئىنتايىن ئېغىر.

  يىغىنغا قاتناشقان نۇرغۇن كىشى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پارتىيەنىڭ يېڭى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق قىلىپ خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كىرامپ-كاررېنبائور دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس ھېسابلىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا ئىككى نۆۋەت بېلەت تاشلاندى، ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا، كىرامپ-كاررېنبائور بىلەن مېرتىزنىڭ ئېرىشكەن بېلەت سانى ناھايىتى يېقىن بولدى. ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا 517 بېلەت ۋە 482 بېلەتكە ئېرىشتى. ئالدىنقى قېتىملىق خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس سايلىمىدا تىركىشىپ قېلىش ئەھۋالى 1971-يىلى كۆرۈلگەن ئىدى.

  كىرامپ-كاررېنبائورنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا ئىككى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقدىشى بولغان خىرىستىيان دىنى سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقى ۋە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. گېرمانىيە بۇ يىل 3-ئايدا چوڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللىگەندىن بۇيان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا تالاش-تارتىش ئۈزۈلمىدى، قوللاش نىسبىتى داۋاملىق چۈشۈپ كەتتى. يېقىنقى مەزگىلدە يەنە كەينى كەينىدىن ئىشتات سايلىمىدا مەغلۇپ بولۇش زەربىسىگە ئۇچرىدى. بېريۇسسېلدا خىزمەت قىلىدىغان خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى تىمىدىن پېتېرىس شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى، گېرمانىيە ياۋروپانى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. ئەمما بۇ جەھەتلەردە كىرامپ-كاررېنبائور تېخى ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى ئىپادىلىمىدى. ئەمما ئۇنىڭ خىرىستىيان دىنى دېموكراتىك ئىتتىپاقىغا باش بولۇشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر