باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يەمەندىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ يېقىندا شىۋىتسىيەگە يېتىپ بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىدى

2018.12.10 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەندىكى قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپ يېقىندا شىۋىتسىيەگە يېتىپ بېرىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلىدى، بىراق ھۇدەيدا مەسىلىسى سۆھبەتتىكى ئەڭ مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلاندى.

  شىۋىتسىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى مارگوت ۋالىستىرو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى گىرىففىت مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تىنچلىق سۆھبىتىدە سۆز قىلدى. يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ئايرىم ئايرىم ھالدا سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئولتۇردى.

  مارگوت ۋالىستىرو بىلەن گىرىففىت ئىككى تەرەپنى سۆھبەت پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، دۇنياغا تىنچلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.

  گىرىففىت «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دە مەخسۇس ئوبزورى ئېلان قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت كەيپىياتىنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى، خەلقئارانىڭ قوللاش سالمىقىنىڭ مىسلىسىز بولغانلىقىنى، تىنچلىققا ئۈمىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: گرىففىتنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلىشىنىڭ ئۆزىلا مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپ ئەسلىدە بۇ يىل 9-ئايدا شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغان، بىراق قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان،بۇنىڭدا ئاساسلىقى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىخەتەر بېرىپ كېلىشىگە ۋە كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ يارىدارلارنى چەتئەلگە ئىلىپ بېرىپ داۋالىتىشغا يول قويۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسلىق بىكىتلگەن شەرتلەرنى قاندۇرمىغانلىقتىن بولغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچىلىرى ئىلگىرى ئۈچ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق سۆھبەت شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، يېقىنقى بىر قېتىملىقى كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت شۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكگولمنىڭ شىمالىدىكى كىچىك بازار لىمبۇدىكى بىر قەدىمى قەلئەدىن ئۆزگەرتىلگەن مېھمانخانا ۋە يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 4-ۋە 5-كۈنلىرى ئايرىم ئايرىم ھالدا يېتىپ كەلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۇسۇلى بىۋاسىتە سۆھبەت بولۇشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، بەلكىم موكىسىمان دىپلوماتىيەسى بولۇشى مۇمكىن : دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ئارىلىقتا سۆز يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  گرىففىت، يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ يەمەن پايتەختى سانا ئايرودۇرۇمىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىش، قىزىل دېڭىز شەھىرى ھۇدەيداھدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە مالىيە قىيىنچىلىقىدا قالغان مەركىزى بانكىسىنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۈچ قارالما توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر خەۋەردار ئەربابىنىڭ ئېيتىشىچە : ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ قارالمىدىكى ئىختىلاپى چوڭ ئىكەن ؛ ھۇدەيداھ مەسىلىسىدە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان، ئىككى تەرەپ قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇدەيداھ شەھەر رايونىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش چىقماسلىق مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

  يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئاشكارىلىشىچە: قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى، ھۇدەيداھ پورتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشىغا قوشۇلغان، لېكىن شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۇدەيداھ شەھەر رايونىنى داۋاملىق كونترول قىلىشنى تەلەپ قىلغان. يەمەن زۇڭتۇڭى مەنسۇر ھادى بۇ تەكلىپنى كەسكىن رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى بۇ قوراللىق كۈچنىڭ پورتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۇدەيداھدىكى بارلىق رايونلاردىن چېكىنىشنى تەلەپ قىلغان.

  ھۇدەيداھ پورتى يەمەننىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ «جان تومۇرى». شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىمپورت قىلىنغان تەخمىنەن يەتمىش پىرسەنت يېمەكلىك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھۇدەيداھ ئارقىلىق يەمەنگە كىرىپ، كۆپ قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بۇ پورت ئارقىلىق يەمەننىڭ باشقا رايونلىرىغا يۆتكىلىدۇ.

  يەمەننىڭ يەنە بىر مۇھىم دەرۋازىسى بولغان سانا ئايرودۇرۇمى ئوخشاشلا ئىككى تەرەپ تالىشىۋاتقان قىزىق نۇقتا. يەمەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسى بۇ ئايرودۇرۇمنى قامال قىلىپ تۇرماقتا، قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى گەرچە قۇراقلۇقنى كونترول قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرودۇرۇمنى ئىشلىتەلمەيدۇ.

  قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى «ئالىي ئىنقىلابىي كومىتېت» نىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئەلى قۇسەي مۇشۇ ئاينىڭ 6-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىسى «تۋىتتېر» دا،ئەگەر يەمەن ھۆكۈمىتى يول قويمىسا، ئايرودۇرۇمدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئايرۇوپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھاۋا قاتنىشىنىڭ تاقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى شىئە مەزھىپىدىن بولغان قوراللىق تەشكىلات. سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر شىئە مەزھىپىدىكى دۆلەت ئىراننى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرىنى قوللاپ، ۋاكالەتچى ئۇرۇشى قوزغىدى دېدى. ئىران بۇنى ئىنكار قىلدى.

  قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى 2014-يىلى سانانى ئىگىلىدى، كېيىن جەنۇبىي رايوننى ئىگىلەپ زۇڭتۇڭ ھادىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر قىلدى. 2015-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر قۇساي قوراللىق كۈچلىرىگە «كەسكىن بوران» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت قوللاندى، ئۇرۇش بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر