باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا ئېنېرگىيە ۋەزىيىتى شىددەتلىك ئۆزگەرمەكتە، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى

2018.12.10 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ جۇش ئۇرۇپ كۈچىيىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتتىن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا ئېنېرگىيە ۋەزىيىتى شىددەت بىلەن قايتىدىن تەشكىل قىلىنماقتا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بازار ئۈلۈشى بارغانسېرى تارتىۋېلىنىپ، دۇنيا ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %40ىگە چۈشۈپ قالدى، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئامېرىكا ئىراننى جازالاشنى قايتىدىن باشلىغان ھەمدە ئاخىرىدا ئىراننى «بىر تېمىممۇ نېفىت ئېكسپورت قىلالمايدىغان» ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقاندىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىكار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قېزىپ، ئىراننىڭ ئۈلۈشىنى تولۇقلاشتەك ئاجايىپ رول ئوينىدى، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان قاتارنى بىئارام قىلدى، شۇڭا ھالقىلىق پەيتتە تەشكىلاتتىن چېكىنىش بىردەملىك قىزىققانلىق بولماستىن بەلكى كۈچلۈك قايتۇرما زەربە ھېسابلىنىدۇ.

  1980-يىلى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقىدىكى پادىشاھلىق دۆلەتلەر شەرقتە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ تارقىلىش بېسىمىغا، شىمالدا ئىراق پان ئەرەبىزم تەھدىتىگە دۇچكېلىپ، بىرلىشىپ كوللېكتىپ مۇداپىئەلىنىدىغان ۋە بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىدىغان پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنى قۇردى. ئەمما يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى خاماد رەھبەرلىكىدىكى قاتارنىڭ ئۈزلۈكسىز خىرىسىغا ئۇچرىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سۈركىلىشى «ئەرەب باھارى» دولقۇنىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى ھەمدە تەدرىجىي بۆلۈنۈشكە قاراپ ماڭدى، شۇنىڭ بىلەن بۇلتۇر سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قاتارغا ئاز كۆرۈلىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كوللېكتىپ ئۈزۈش، قامال قىلىش ۋە جازالاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەمدە قاتارنى ئېغىر ھاقارەتكە قويىدىغان «دىپلوماتىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش 13 ماددىسى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قوپال ھەرىكەتلەر قاتارنى ئىران ۋە تۈركىيە قاتارلىق رەقىبلىرىنىڭ قوينىغا ئىتتىرىپلا قالماستىن، ئۇنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەتتا پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن چېكىنىشنى قارار قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. يېقىندا قاتارنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە سەئۇدى ئەرەبىستانى باشچىلىقىدىكى قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلىپ، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەشتىن مەھرۇم قېلىپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالدى، قۇرۇلغان چاغدىكى باش مەقسىتى ۋە قاتار خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەي قالدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  قاتارنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چېكىنىشى كىچىك ئىش ئەمەس، ئامېرىكا، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىسرائىلىيە بىرلىشىپ بېسىۋاتقان ئىران شامالغا ئەگىشىپ چېكىنىپ چىقسا ھەمدە «كېپىنەك ئېففېكتى» پەيدا بولسا تېخىمۇ چوڭ چاتاق چىقىدۇ. نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا نىسبەتەن، دائىرە قانچە كىچىك بولسا چەكلەش كۈچى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ، چەكلەش كۈچى قانچە ئاجىز بولسا سۆز قىلىش ھوقۇقى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. «قوش يادرو»لۇق رولى بار، دىپلوماتىيە پاتقىقىغا پېتىپ قالغان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ زىيىنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى شېرىكىدىن ئايرىلىپ كۈنى بارغانسېرى تەسلىشىش بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، مىڭبىر جاپادا قۇرۇپ چىققان پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنى ساقلاپ قېلىش تەسكە توختىشى، ھەتتا يوق بولۇشى مۇمكىن. قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋەرسە، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن چېكىنىش ھامىنى بولىدىغان ئىش، شۇ چاغدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھۇجۇمچى رېيالىزىم دىپلوماتىيەسى تېخىمۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ.

  ئەلۋەتتە، كىرىش ۋە چېكىنىشنىڭ ماھىيىتى دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىشىش، مەيلى بۇرۇن ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ قايتىدىن كىرگەنلىكى، ياكى ھازىرقى قاتارنىڭ چېكىنگەنلىكى ھەمدە پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن چېكىنىش مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەنلىكى جۇغراپىيەلىك مۇناسىۋەت ئۆزگىرىشىگە باغلىق. سەئۇدى ئەرەبىستانى پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلار يىغىنىدا قاتار بىلەن ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات قىلسا، قاتار نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ھەقىقەتەن چېكىنگەن تەقدىردىمۇ پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدا ۋاقتىنچە قېپقالىدۇ، بۇمۇ بىر ھېسابتا ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا ئوڭشىغانلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر