- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قاتار ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قايتۇرما زەربە بەردى
2018.12.10 09:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇشۇ ئاينىڭ 6-ۋە 7-كۈنى نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋېنادا يىللىق يىغىن ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا، ئوتتۇرا شەرقتىكى كىچىك دۆلەت، نېفىت-گاز چوڭ دۆلىتى قاتار 57 يىل ئىتتىپاق تۈزگەن بۇ نېفىت تەشكىلاتىدىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر ئەزانىڭ تۇنجى قېتىم بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ دولقۇنسىمان ئۈنۈم پەيدا قىلدى، ناھايىتى ئېنىقكى، قاتار ئىلگىرىلەش ئۈچۈن چېكىنىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئىستراتېگىيەلىك قايتۇرما زەربە بەردى.
12-ئاينىڭ 3-كۈنى، قاتارنىڭ ئېنېرگىيە ۋەزىرى سائاد دوھادا تەشكىلاتتىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى : «ئۈمىد تەبىئىي گاز ئېچىش ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىشتە»، «قاتارنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە قېلىپىدىكى ئورنى ۋە تۆھپىسىگە قايتا قاراپ چىقىش كېرەك»، ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشنى، زېھنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قاتارنىڭ ئالدىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى قارار قىلدۇق. سائاد يەنە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: قاتار نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ھەر كۈنى 4 مىليون 800 مىڭ تۇڭدىن 6 مىليون 500 مىڭ تۇڭغا كۆپەيتىپ، يەر شارىدىكى ئىشەنچلىك ۋە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلىك ئورنىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قاتارنىڭ نېفىت زاپىسى 2 مىليارد 500 مىليون تۇڭ، لېكىن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نورمىسى بويىچە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئۇزاق مۇددەت تەخمىنەن 600 مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا بولۇپ كەلدى، بۇ مەزكۇر تەشكىلات ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %2 نى ئىگىلەيدۇ، 15 ئەزا ئىچىدە 11-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر قاتار ھەقىقەتەن چېكىنىدىغان بولسا، قاتار ئاخىرقى ئورۇندا تۇرۇپ قالمايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا نېفىت مەھسۇلاتى 10 ھەسسە ئېشىپ، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.
قاتار دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورت دۆلىتى، نېفىت ئۇلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئەمەس، بازاردىكى نېفىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. شۈبھىسىزكى، نېفىت باھاسى 50 دوللاردىن تۆۋەن بولماسلىقتەك نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن تەسىس قىلغان قىزىل سىزىقىدىن بۆسۈپ ئۆتىدۇ، بۇ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشۇلغان شەكىلدە رۇسىيەنى تارتىپ سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلاتىنى بىر مىليون تۇڭدىن 1 مىليون 300 مىڭ تۇڭغىچە ئازايتىشنى ساقلاپ قالماقچى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر كالتەك دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە سائاد شۇنىڭدىن كېيىن تەشكىلاتتىن چېكىنىش سىياسىي ھەرىكەت ئەمەس، بۇنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەك دەپ ئېنىق ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن سابىق باش ۋەزىر قاسىم تىۋېتېردا مۇنداق دېدى: نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان تەشكىلات بولۇپ قالدى.
قاتار نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئۈچىنچى كۈنى، 18 ئايدىن بۇيان قاتارنى قورشاۋغا ئېلىپ دۇمبالىغان ۋە قامال قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانى جىددىي يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى، پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئارقىلىق قاتار ئەمىرىنى (دۆلەت باشلىقى) مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى رىياتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 39-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەكلىپ قىلدى. قاتار نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سەئۇدى ئەرەبىستانى بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئەندىزىسىدە زور ئۆزگىرىش بولغان، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولى كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتماللىشىپ كەتكەن كۆپ خىل ئارقا كۆرۈنۈشتە، قاتارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەشكىلاتتىن چېكىنىشىدىن ئىبارەت جۇغراپىيەلىك تىركىشىش ھەرىكىتىگە گەپ كەتمەيدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئاۋۋال قاتتىق كېيىن يۇمشاق بولۇشتەك مۇلايىم ئىپادىسى قاتارنىڭ باتناپ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە پارىس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىدىن تەڭلا چېكىنىشكە بولغان ئەندىشىسىنى نامايەن قىلدى.
1960-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى باش بولۇپ بىر قىسىم ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى تەشكىللەپ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا بازاردا ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق سالماقنى ئىگىلەپ كەلدى ھەمدە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە كېمەيتىشتەك كوللېكتىپ ھەرىكەت ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى تەڭشەپ كەلدى، بۇ ئارقىلىق ھەم مۇقىم ۋە يېتەرلىك نېفىت كىرىمىنى قوغدىدى ھەم دۆلەت كۈچىدىن ھالقىغان سىياسىي سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. گەرچە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇرەككەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەسىر كۈچى ئىزچىل تۈردە كىشىلەرنى بىزار قىلىپ كەلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر