باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە ئۇكرائىنا كىرزىسىنى پەسەيتىش قىيىنغا توختىدى

2018.12.10 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قارا دېڭىز بىلەن قىرىم ئارىلىنىڭ شەرقىدە مانىۋېر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى شۇ كۈنى يېڭى تىپتىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر قوغلىغۇچى پاراخوتى رۇسىيە دېڭىزىغا يېقىنلاشتى.

  تەھىلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا ئامېرىكا ئۆز ئارا كۈچ كۆرسەتمەكتە، بۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارسىدىكى جىددى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىسىز، ئەكىسىچە ئاسانلا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، رايون ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىش خەتىرىنى پەيدا قىلىدۇ. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى سۇ ئاستى پاراخوتى قارا دېڭىزنىڭ مەلۇم يېرىدە جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش، رازۋېتكا قىلىش، پېيىگە چۈشۈش ۋە دېڭىز ھەمدە دېڭىز ياقىسىدىكى نىشانلارنى راكېتا ئارقىلىق بىتچىت قىلىشنى مەشىق قىلدى. ئارقىدىن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ماتىروسلىرى يەنە سۇ ئاستىغا چوڭقۇر شۇڭغۇش ۋە جىددى سۇ يۈزىگە چىقىشنى مەشىق قىلدى.

  ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى تۇرچىنوف شۇ كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئودىسسا ئوبلاستىدىكى قارغا ئېتىش مەيدانىدا يېڭى تىپتىكى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بەردى، تىپى يېڭىلانغان S-125 بەلگىلىك سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا 280 كىلومىتېر يېراقلىققا جايلاشتۇرۇلغان قارا دېڭىزدىكى نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگدى.

  خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگىراف ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى رازۋېتكا ئايروپىلانى مۇشۇ ئايىنىڭ 3-كۈنى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كىرىچ بوغۇزى، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبى قاتارلىق جايلارنى بىر نەچچە سائەت رازۋېتكا قىلغان.

  ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان پلوتىنىڭ باياناتچىسى مېكمارىل مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ مۇخبىرىغا مىكانبىر ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوت شۇ كۈنى رۇسىيە پىتىر ئىمپراتۇر قولتۇقىغا يېقىن سۈ تەۋەسىگە بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ھەدىدىن زىيادە دىڭىز تەشەببۇسىغا خىرىس پەيدا قىلدى دېدى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ شۇ كۈنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۈچ ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدىن تۈركىيەگە ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بىر ھەربىي پاراخوتنى قارا دېڭىزغا ئەۋەتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئۇكرائىنا ۋە گىروزىيە مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى بىريوسىلدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىپ، قارا دېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى سىتولتىنبېرىك ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەشكىلاتىمىز قار دېڭىزدىكى ھەربىي ئىشلار مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىپ، قارا دېڭىز رايونىدىكى مەۋجۇتلىقىنى داۋاملىق ساقلايدۇ دېدى.

  رۇسىيە فىدىراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى فۇشكوف مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىز رايونىدىكى كۈچ سېلىشتۈرما ئەھۋالىنى ئېنىق تونۇشى كېرەك؛ مۇبادا قارا دېڭىزغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتسە ، رايون توقۇنۇشىنى يامانلاشتۇرىۋېتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.

  تەھىلىلچىلەر مۇنداق دېدى: قارا دېڭىز رايونىدا كۈچ كۆرسىتىش رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى دائىملىق ھەيۋە ۋاسىتىسىگە ئايلاندى، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دېڭىزدىكى توقۇنۇشى پەسەيمىگەن پەيىتتە، مەيلى پىلان ئىچىدە بولسۇن ياكى ۋاقىتلىق كۆپەيىتسۇن، ئۇكرائىناغا قارتىلغان قويۇق ھەيۋە تۈسىنى ئېچىپ بەردى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىپ، ئۇكرائىنا بىلەن دېڭىزدىكى توقۇنۇشىنى پەسەيتىدۇ، ياكى ئويلىشىپ كۆرىدۇ، بىراق دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ، ئىگىلىك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىدا يول قويىشى قىيىن. ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى سىجىل چۈشكۈنلەشمەكتە، كېلەر يىلى 3-ئايدا زوڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسى ئاستىلىماقتا، بۇ ئامىللار ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قاراشى تۇرۇش كوزورىنى كۆتۈرۈپ چىقىش غەرزىنى كۈچەيىتتى.

  رۇسىيەدە چىقىدىغان مۇستەقىللىق گېزىتىدە مۇنداق دەپ قارالدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ دېڭىزدا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن ياۋرۇپا بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەنى قاتتىق تەنقىتلىشى ھەمدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازانى يولغا قويۇشى مۇمكىن، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پاراخوتلىرىنىڭ قارا دېڭىزغا كۆپلەپ كىرىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  فرانسىيە ئاگېنىتلىقى تەھىلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دېڭىزدا توقۇنۇشقاندىن بۇيان ، ياۋرۇپا ئاساسلىقى توقۇنۇشنى پەسەيتىپ، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىركىشىش قىلتىقىغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلانماقچى بولىۋاتىدۇ.

  2014-يىلى ئۇكرائىنا كىرزىسى پارتىلىغاندىن بۇيان ،كۆپ قېتىملىق كۆپ خىل شەكىلدىكى ياراشتۇرۇش ھەمدە سۆھبەتلىشىش ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن قىرىم ئارىلى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى كىرزىس يەنىلا ھەل قىلىنمىدى.

  يەنە كېلىپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كىرزىسى ئەۋجىگە چىقتى. بۇ قارشىلىشىش ھەتتا ئۇرۇش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. رۇسىيە ئۇكرائىنا توقۇنۇش قېيىنچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىش تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەقىل پاراسەتكە مۇھتاج. ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە سۆزلىشىش كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى ھەل قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر