باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ماكرون «سېرىق مايكىلىقلار»غا يول قويۇپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى «ئەڭ چوڭ كىرىزىس»نى تىنجىتتى

2018.12.10 09:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 18 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىملىق چوڭ داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈردى. ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىغىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ماكرون ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى «ئەڭ چوڭ كىرىزىس»نى تىنجىتىش ئۈچۈن، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى 2019-يىلى يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئالدىنقى شەنبە كۈنى، ئۈچ ھەپتە داۋاملاشقان «سېرىق مايكىلىقلار» ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە 160 مىڭدىن ئارتۇق فىرانسىيەلىك كوچىغا چىقتى، پارىژدىكى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ئەڭ ئاۋات كوچىلاردا ئاپتوموبىل كۆيدۈرۈپ، دېرىزە چېقىپ، تاملارنى بوياپ، چوڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. يېقىلغۇ ماي بېجىنى تەڭشەش سىياسىتىنى قايتۇرۇۋېلىش ماكروننىڭ قەتئىي ئىسلاھاتچى ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزسىمۇ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ شەنبە ئۆتكۈزىلىدىغان «سېرىق مايكىلىقلار» ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭ ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن قورقتى. دەبدەبىلىك «سېرىق مايكىلىقلار»نىڭ ھەرخىل تەلىپى بار فىرانسىيەلىكلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھۆكۈمەتكە ئېتىراز بىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرگەنلىكى باشقىلارنى ئەندىشىگە سالدى. 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، فىرانسىيە دائىرىلىرى مائارىپ ئىسلاھاتىغا نارازى ئاز دېگەندە 140 ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنى تۇتۇۋالدى. فىرانسىيەلىكلەر دەرغەزەبكە كەلدىمۇ؟

  شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 2019-يىلى يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ چاغدا فىرانسىيە زۇڭلىسى فىلىپنىڭ يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈشنى جاكارلىغانلىقىغا تېخى 24 سائەتمۇ بولمىغان ئىدى. فىرانسىيە ئېكىلوگىيەدە بۇرۇلۇش ۋە ئىتتىپاقلىق مىنىستىرى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ماكرون تېلېفوندا ماڭا قىسمەن ئامما يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش «ئالدامچىلىق»، دەپ قارايدىكەن، ھازىر ئالدامچىلىق دەيدىغان ئىشمۇ قالمىدى، دېدى. 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى توققۇز مىنىستىرنى رادىيو ۋە تېلېۋىزور ئارقىلىق ئاممىغا ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانىنى چۈشەندۈرۈشكە ئەۋەتتى. ماكرون ئالدىنقى ھەپتە ئارگېنتىنادا 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن تارتىپ شۇ چاغقىچە ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈپ باقمىدى.

  فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «زوراۋانلىقتىن قورققانلىقى ئىكەن». ئېلىس سارىيىدىكى بىر خەۋەردار ئەرباپ: بىز ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەيمىز، دېدى. ھازىرغىچە، «سېرىق مايكىلىقلار» ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە تۆت كىشى قازا قىلدى، نەچچە يۈز كىشى يارىلاندى.

  فىرانسىيە BFM تېلېۋىزىيەسىنىڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن كەلگەن «سېرىق مايكىلىقلار» ئەزاسى مارىلىن مۇنداق دېگەن: «يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى بىكار قىلىش خۇشخەۋەر، لېكىن بىز بۇنىڭ بىلەن قانائەت قىلمايمىز». ھۆكۈمەت باشقا بىر خىل باج ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى بىكار قىلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى تولدۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. بىز ھۆكۈمەتنىڭ ئوڭ قولىدا بېرىپ، سول قولىدا ھەسسىلەپ قايتۇرۇۋېلىشىغا كۆنۈپ كەتتۇق. ئەنگلىيە رېيتىر ئاگېنتلىغى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى فىرانسىيە خامچوت مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: 2019-يىلى يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى بىكار قىلىش دۆلەت غەزىنىسىنىڭ تۆت مىليارد ياۋرو زىيان تارتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

  فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنداق دېدى: بىز ھازىر سىياسىي قارشىلىققا ئەمەس، بەلكى فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پەيتنى باشتىن كەچۈرىۋاتىمىز. ماكرون كابېنت يىغىنىدا تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنى «ئېنىق، ئوچۇق سادا» چىقىرىپ، ئاممىنىڭ سوغۇق قان بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. «سېرىق مايكىلىقلار»نىڭ ئاساسلىق ئەزاسى دىرۇۋى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى BFM تېلېۋىزىيەسىگە: شەنبە كۈنىدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىمىزنىڭ نىشانى «ئېلىس سارىيىغا قاراپ ئىلگىرىلەش» دېدى.

  فىرانسىيەدىكى «فىگارو گېزىتى»نىڭ قارىشىچە، ماكروننىڭ فىلىپنىڭ يېقىلغۇ ماي بېجىنى ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى ناھايىتى تېز «تۈزەتكەنلىكى» ئىككەيلەننىڭ ئىختىلابى بارلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. بۇ گېزىتتە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر فىلىپ «ئېتىلما ئورۇندۇق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالغاندەك» بولدى، ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى «سېرىق مايكىلىقلار» ۋەقەسىدىن كېيىن غۇۋالىشىپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر