باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن: ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»گە خىلاپلىق قىلغانلىقى توغرىسىدا ئىسپات كۆرسىتەلمىدى

2018.12.07 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا رۇسىيەنى «ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»گە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى، بىراق بۇ ھەقتە ئىسپات كۆرسۈتەلمىدى. تاسىس ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن پۇتىننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئامېرىكا ئالدى بىلەن «ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامە»دىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئاندىن بۇ قىلمىشى ئۈچۈن باھانە ئىزدىدى دېدى. ئامېرىكا بۇنىڭدىن چىكىنىپ چىقىشىمىز رۇسىيە مەزكۇر شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلدى دېدى، بىراق بۇ ھەقتە ئىسپات كۆرسۈتەلمىدى. پۇتىن تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى چەكلەش شەرتنامىسى» ئىلگىرى يەرشارى بىخەتەرلىكىنىڭ ئۇل تېشى ئىدى، بىراق ئامېرىكا 2001-يىلى مەزكۇر كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چىكىنىپ چىقتى.

  پۇتىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا «ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامە»دىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن ئالاقىدار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىغا پۇل ئاجىراتقان، بۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ بالدۇرلا مۇشۇنداق قارارغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. ئامېرىكا مەزكۇر شەرتنامىدىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن بۇنىڭ ئۈچۈن باھانە ئىزدىدى ھەمدە رۇسىيەنى ئادەت خاراكتىرلىك ئەيىبلىدى. پۇتىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە «ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇرا قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»نىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا قارشى تۇرىدۇ، ناۋادا ئامېرىكا بۇ شەرتنامىدىن چىكىنسە، رۇسىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر