- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بەردى
2018.12.04 09:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن، شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە بۇئېنوس ئايرېستا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ قېتىمقى جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئۇچرىشىش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ھەمدە دۇنياغا ئىجابىي سىگنال يەتكۈزدى، دەپ ھېسابلىدى.
ئامېرىكا كۇئىن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى روبىرت كۇئىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ھالقىلىق پەيتتە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى بولۇپ، كىشىلەرنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىن ئۈمىدلەندۈرىدۇ.
رۇسىيە ئالى ئىقتىساد شۆيۈەنى شەرقشۇناسلىق كافېدراسىنىڭ مۇدىرى ئالېكىس ماسلوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا ئورتاق تونۇشنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئىككى دۆلەتنىڭ كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى نەتىجىسى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. BBC خەنزۇچە تورىنىڭ خەۋىرىدە: جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى بازارغا ئىجابىي كۈچ ئادا قىلىدۇ، دېيىلدى.
ياپونىيەلىك ئىقتىسادشۇناس تاشىرو شۈمېي مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادى زىچ باغلانغان، تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى كۈچەيتىش گۇڭ كۆتەرمەيدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر