باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى شېن يۆيۆ مېكسىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى لوپىز بىلەن كۆرۈشتى

2018.12.04 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە مېكسىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭ لوپىز بىلەن كۆرۈشتى.

  لوپىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى، شېن يۆيۆدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. لوپىز مۇنداق دېدى: مېكسىكا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يېقىندىن ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى ساقلاپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لوپىز 12-ئاينىڭ 1-كۈنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالدى ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر