باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

2018.12.04 09:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنۇس ئايرېستا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ئۆمىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، دېدى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئۆمەكلىرىنىڭ يېقىندىكى ئىجابىي، ئۈنۈملۈك كېڭىشىشىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئىككى تەرەپ: ساغلام، مۇقىم بولغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ ھېسابلىدى.

  ئىككى تەرەپ: تاموژنا بېجىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈش قاتارلىق سودا چەكلىمىسى تەدبىرىنى توختىتىش، جۈملىدىن ھازىرقى قارشى تەرەپكە قارىتىلغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى يەنە ئۆستۈرمەسلىك شۇنداقلا باشقا تاۋارلارغا يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇش ئېلىش تەدبىرى چىقارماسلىقنى قارار قىلدى.

  ئىككى تەرەپ: بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر ئاساستا ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش روھى بويىچە، ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا دەرھال كىرىشىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ تەدبىر قوللىنىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ. مۇشۇ جەرياندا، ئامېرىكا دىققەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىمۇ جۇڭگو دىققەت قىلىۋاتقان ئىقتىساد-سودا مەسىلىسىنى ئىجابىي ھەل قىلىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا ئۆمەكلىرىنىڭ جىددىي كېڭىشىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلىشى، بۇ يىلدىن بۇيان قوشۇلغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن نورماللاشتۇرۇپ، تەڭ نەپ ئېلىشى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر